Uyghur主要词典
گېرمانىيە ستودېنتلىرى جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتىنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يادرو تەشكىلاتى. 1815 - يىلى 6 - ئايدا يېنادا قۇرۇلغان. فېئودال ئسىتېبداتلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان، سىياسىي ئەركىنلىكنى ۋە مىللىي بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ناپولېئونغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1817 - يىلى 10 - ئايدا 21 داشۆدىن كەلگەن 500 ئەزا ۋاتپورگ شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلغان. لېكىن ئەزالىرى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئېنىق پروگراممىسى بولمىغاچقا، قويۇق رومانتىزم ۋە كۈچلۈك شوۋىنىزم تۈسىنى ئالغان، ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى چاغلىق بولغان. 1819 - يىلى 9 - ئايدا گېرمانىيە ئىتتىپاقى پارلامېنتى <كارلىسباد قارارى> نى ماقۇللاپ، جەمئىيەتنى تارقىتىۋەتكەن. كېيىن گېرمانىيىدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئوخشاش بولمىغان تەشكىلات نامى بىلەن كۆپ قېتىم ئوتتۇرغا چىققان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。