Uyghur主要词典
گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمچىلىك قىلشتىكى تەشۋىقات ئاپپاراتى. 1898 - يىلى 4 - ئايدا قۇرۇلغان. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەزاغا ئىگە بولۇپ، ئەزالىرىنىڭ تولىسى ئۇششاق بۇرژۇئالار. دۇنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك فلوت قۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىپ، دېڭىزنى كونترول قىلشى ھوقۇقىنى ئىگىلەشنى تەشەببۇس قىلغان؛ مۇستەملىكىچىلىك - كېڭەيمىچىلىكنى ھەدەپ تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى گېرمانىيە مونوپول گۇرۇھىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولغاچقا، سانائەت كاتتىباشلىرىنىڭ ماددىي ياردىمى ۋە زور يار - يۆلىكىگە ئىگە بولغان. 1934 - يىلى تارقىتىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。