Uyghur主要词典
گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىك جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە جاھانگىرلىكى چەتكە قارىتا مۇستەملىكىچىلىك - كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى تەرغىپ قىلىدىغان تەشۋىقات تەشكىلاتى. 1882 - يىلى 12 - ئايدا سانائەتچىلەر ۋە بانكىرلار فرانكفورتتا قۇرغان. تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپۈنچىسى يۇقىرى قاتلامدىكى ئىجتىمائىي ئەربابلار بولغان. مەملىكەت ئىچىدە چەتكە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ۋە مۇستەملىكىلىك سىياسىتىنى ھەدەپ تەرغىپ قىلغان ھەمدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزۈپ، گېرمانىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە ئۈچۈن تاۋار بازىرى ۋە خام ئەشيا بازىسىنى ئېچىشقا پائال تۈرتكە بولغان. 1887 - يىلى بۇ جەمئىيەت <گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىك شىركىتى> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن مۇستەملىكىلەرنى تالىشىش ۋە شىلىۋېلىش پائالىيىتىگە بىۋاستە قاتناشقان. 1914 - يىلى ئۇنىڭ ئەزالىرى 40 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. 1933 - يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن <ئىمپېرىيە مۇستەملىكىچىلىك شىركىتى> گە قوشۇۋېتىلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。