Uyghur主要词典
گېرمانىيە مەكتەپلەر ئىتتىپاقى
领域: دۇنيا تارىخىئاۋسترىيە بۇرژۇئازىيەنىڭ ئەكسىيەتچىل مەدەنىيەت تەشكىلاتى. 1880 - يىلى قۇرۇلغان. بۈيۈك نېمىس مىللىتىنىڭ شوۋىنىزملىق ئىدىيىسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، نېمىسلارنىڭ زىسلېتانىيە (ئاۋسترىيەنى كۆرسىتىدۇ) دىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغدىغان. <نېمىسلارنىڭ مەدەنىيەت مەنپەئىتىنى قوغداش> بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، غەيرىي نېمىس مىللىتى مەدەنىيىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە چەتكە قېقىپ كەلگەن. چېخ، سلوۋېنىيە ۋە كرودىيە قاتارلىق جايلاردا يېڭى مەكتەپ ئېچىشقا ۋە غەيرىي نېمىسلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرغان ھەمدە باشقا مىللەتنىڭ دەرسلىكىنى قوللىنىشنى مەنئىي قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئەكسىيەتچىل ھەرىكىتى نۇرغۇن رايونلاردا سلاۋىيانلارنىڭ مەدەنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1882 - يىلى گېرمانىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。