Uyghur主要词典
گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوزغىلىڭى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە ماتروسىلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى قوزغىلىڭى. رېخبىچ، گېبسىلار رەھبەرلىك قىلغان. 1917 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، گېرمانىيىدە ئىنقىلابىي ۋەزىيەت يۈكسەلگەن. 8 - ئاينىڭ باشلىرىدا، قولغا ئېلىنغان يولداشلىرىنى ئازاد قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋېليام پورتىدىكى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. <نائىب شاھ لىئوپولد> ناملىق ئاساسىي پاراخوتتىكى ماتروسلار قوماندانلىققا بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ، پاراخوتتىن كوللېكتىپ ھالدا ئايرىلىپ قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە ئەكسىيەتچى ئوفىتسىرلانى جازالىغان. بۇ ھەرىكەت باشقا فلوت ۋە پاراخوتلارغىچە تېز كېڭەيگەن. قوزغىلاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقتىن، رېخبىچ، كېبىس قاتارلىق ئون نەپەر ماتروسقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. تەخمىنەن 50 نەپەر ماتروسقا قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. لېنىن بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى <پۈتۈن دۇنيا ئىنقىلابىي ھارپىسىنىڭ بەلگىسى> دەپ ئاتىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。