Uyghur主要词典
گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە يۇنكېر پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ پارتىيىسى. 1876 - يىلى قۇرۇلغان. تەكتى ئەھلىسەلىپ گېزىتى پارتىيىسى (يەنى پرۇسسىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى) پرۇسسىيە مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنى پروسسىيە شتاتلىق پارلامېنتدىكى ئىنتايىن ئوڭچىل پادىشاھپەرەسلەر 1848 - 1849 - يىللاردىكى ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان. ئۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇپ، شەرقىي پرۇسسىيە، ساكسونىيە قاتارلىق جايلاردىكى يۇنكېر پومىشچىكلار، بيۇرۇكراتلار، مىلىتارىستلار ۋە ليۇتېر مەزھىپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك راھىبلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىغان، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە ئىچىدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇنىڭ سىياسىي پروگراممىسى شوۋىنىزم ۋە مىلىتارىزم تۈسىنى ئالغان بولۇپ، پروسسىيىدىكى فېئودال قالدۇقلىرىنى ۋە ئەكسىيەتچىل سىياسىي تۈزۈملەرنى ساقلاپ قېلىشنى، گېرمانىيىنى پروسسىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە يۇنكېر پومېشچىكلارنىڭ ئىمتىيازىنى قوغداش ئۈچۈن بىسمارك ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە ئوڭ جەھەتتىن قارشى تۇرغان. بۇ پارتىيە ئىچىدىكى مۆتىدىللەر 1876 - يىلى گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، بىسماركنىڭ سىياسەتلىرىنى پائال قوللاپ، ئىمپېرىيەنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيىدىكى مونوپول بۇرژۇئازىيەنىڭ مەنپەئىتىنى ھەدەپ قوغداپ، چەت ئەلگە تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1907 - 1909 - يىللىرى بيۇلوۋ ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە مەركىزىي پارتىيە بىلەن <قارا - كۆك ئىتتىپاق>نى قۇرۇپ، بېدمان ھورۋېك ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، بارلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغان. 1918 - يلى گېرمانىيەنىڭ نويابر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مەزكۇر پارتىيە ئەركىن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيە مىللىي خەلق پارتىيىسىنى قۇرغان. ئورگان گېزىتى <ئەھلىسەلىپ>.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。