Uyghur主要词典
گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
بۇ گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە قوزغىغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپا ئىنقىلابى دولقۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.1918
- يىلى كۈزدە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى تۆت يىل داۋاملاشقان دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتچىت بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. جەڭ مەيدانىدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقىملىشىپ قالدى. ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەت ئۈمىدسىزلىنىپ جان تالاشقان بولسىمۇ، دېڭىز ئارمىيە فلوتىغا پۈتۈنلەي جەڭگە ئاتلىنىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى، جەڭگە تاقابىل تۇرۇش ئۈستۈنلۈكى بولغان ئەنگلىيە فلوتى يا «شانلىق غەلىبىگە ئېرىشەتتى»، يا «شەرەپلىك ھالدا چۆكۈپ كېتەتتى».80 مىڭ ماتروسنى بىكاردىن - بىكارغا ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش توغرىسىدىكى بۇ قارار ماتروسلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇزاق غۇلغۇلا قىلىنغان نارازىلىق ئاخىر پارتلاپ چىقتى.11 - ئاينىڭ3 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كېل پورتىدا تۇرۇۋاتقان ھەربىي پاراخوت خادىسىدا قىپقىزىل بايراق كۆتۈرۈلدى. ئىنقىلابچى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پاراخوت ئەترىتىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، ئىشچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇلار پۈتكۈل شەھەرنى ئىشغال قىلىۋالدى. كېل قوزغىلىڭى پۈتۈن مەملىكەتتە ئىنقىلاب ئوتىنى تۇتاشتۇردى.9 - كۈنى پايتەخت بېرلىندىكى نەچچە يۈز مىڭ ئىشچى ۋە ئەسكەر قوزغىلاڭ كۆتۈردى. پادىشاھ ۋىلھېلم Ⅱ شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەتتى.
ئىنقىلابچى ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پادىشاھنى قوغلىۋەتكەن بولسىمۇ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالالمىدى. ئۇلار يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ كەتكەنلىكتىن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئېبېرت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىشىگە قوشۇلدى. بۇ كىشىلەر ئىشچىلار سىنىپىغا ۋەكىللىك قىلىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئاسىيلىق قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ بۇرژۇئازىيىنىڭ غالچىسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئېبېرت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان ھامان خەلقنى باستۇرىدىغان غالچا بولۇپ قالدى.1918 - يىلى12 - ئايدا گېرمانىيە ئىنقىلابىنىڭ سولچىلىرىدىن لېبكنېخت ۋە ليۇكسېمبۇرگ قاتارلىق كىشىلەر ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ گېرمانىيە كومپارتىيىسىنى قۇرۇپ، پرولېتارىيات دىكتاتورىسىنى ئورنىتىش ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېبېرت ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇشنى مەخپىي پىلانلىدى.1919 - يىل1 - ئاينىڭ6 - كۈنى بېرلىن ئىشچىلىرى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت زور تۈركۈمدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق كۈچنى يۆتكەپ كېلىپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ، قانلىق قىرغىنچىلىق پەيدا قىلدى، بۇ چاغدا گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ داھىيسى لېبكنېخت ۋە ليۇكسېمبۇرگ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.5 - ئايغا كەلگەندە، جايلاردىكى ئىنقىلابىي كۈرەش ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مەغلۇپ بولدى. داغدۇغىلىق نويابىر ئىنقىلابى ئاخىرلاشتى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。