Uyghur主要词典
گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيەنىڭ تۇنجى ئىشچىلار سىنىپى پارتىيىسى. 1869 - يىلى 8 - ئايدا ئېيزىناختا چاقىرىلغان پۈتۈن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسنىڭ ئىشچىلار قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. شۇڭا <ئېيزىناخچىلار> دەپمۇ ئاتالغان. ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن ئا. بېبېل، ۋىلھېلم لىبكنېخت قاتارلىقلار بار. پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيە ئەزاسى 10 مىڭدىن ئاشقان. ئۇنىڭ پروگراممىسى ئاساسلىق مەسىلىلەردە ماركسىزملىق كۆز قاراشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بەزى جەھەتلەردە يەنىلا لاسال ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقاندىن كېيىن، ماركىس، ئېنگلېسلارنىڭ ياردىمى بىلەن لاسسالچىلارغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلغان يۇنكېر پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئىنقىلاب قىلىش يولى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن. پارتىيىنىڭ ئورگان ژورنىلى <دېموكراتىيە ھەپتىلىك ژورنىلى> (1869 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ <خەلق دۆلىتى> گېزىتكە ئۆزگەرتىلگەن) چىقىرىلغان. ئىشىچلار پارتىيىسىنىڭ بىرلىكىنى بىر تەرەپلىمە تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن لاسسالچىلار بىلەن پرىنسىپسىز مۇرەسسە قىلغان ۋە ئۇلارغا يول قويغان. 1875 - يىلى 5 - ئايدا گوتادا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا لاسسالچىلار بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى (1890 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) قۇرغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。