Uyghur主要词典
گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ پارتىيىسى. 1890 - يىلى <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> بىكار قىلىنغاندىن كېيىن گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى پارتىيە ئىچىدىكى ئوڭچىل ئاغمىچىلىق ئىدىيىسىنى تۈگىتىپ، يېڭى تەشكىلاتنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇش ۋە يېڭى پروگراممىنى تۈزۈش ئۈچۈن شۇ يىلى 10 - ئايدا ھاللېدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا نامىنى <گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى> قىلىپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان. 1891 - يىلى 10 - ئايدىكى ئېرفۇرت قۇرۇلتىيىدا <سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 1891 - يىللىق پروگراممىسى> يەنى <ئېرفۇرت پروگراممىسى> مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ماقۇللانغان. 1895 - يىلى پارتىيە ئىچىدە بېرنىشتېيىن رىۋىئونىزملىق پىكى ئېقىمى پەيدا بولغان. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارتىيە ئىچىدە سولچىلار، ئارىلىقتىكىلەر، ئوڭچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇھ شەكىللەنگەن. ئەمەلىيەتتە پارتىيىنىڭ رەھبەلىك ھوقۇقىنى بېرنىشتېيىن باشچىلىقىدىكى ئوڭچىلار ۋە كائۇتىسكى باشچىلىقىدىكى ئارىلىقتىكىلەر تارتىۋالغان. ئۇلار رىۋىئونىزملىق يىللىق لۇشيەنىنى پائال يولغا قويغان.بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇش سياسىتنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللاپ، سوتسىيال شوۋىنىزملىق تەشكىلاتقا ئايلانغان. 1916 - يىلى كارل لىبكنېىخت، رۇزا ليوكسېمبۇرگ ۋەكىللىكىدىكى سولچىلار سپارتاكچىلارنى تەشكىل قىلغان ھەمدە 1918 - يىلى 11 - ئايدا سپارتاك ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، گېرمانىيىدىكى ئىنقىلابىي خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. 1918 - يىلى 12 - ئايدا سپارتاك ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيە كوممۇنسىتىك پارتىيىسى قۇرۇلغان. ئېبېرت باشچىلىقىدىكى ئوڭ قانات رەھبەرلەر چوڭ بۇرژۇئازلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ نويابىر ئىنقىلابىنى باستۇرغان ھەمدە ھۆكۈمەت (1920 - يىلى 6 - ئايدىن ئىلگىرى) تەشكىل قىلغان. ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلارپارتىيىسى ئۆكتىچى ئورۇندا تۇرغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن 1933 - يىلى 6 - ئايدا تەقىپ قىلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دېموكراتىك گېرمانىيىدە 1946 - يىلى 4 - ئايدا كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. فېدېراتىپ گېرمانىيىدە 1946 - يىلى 5 - ئايدا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى يېڭىۋاشتىن قۇرۇلغان.