Uyghur主要词典
گېرمانىيە ئىقتىسادىي باش ئۇيۇشمىسى
领域: دۇنيا تارىخىفاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەدبىر كۆرۈش ئاپپاراتى. 1933 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغان. 12 - مونوپول كاتتىبېشى ۋە بەش ناتسىستتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئىمپېرىيە ئىقتىسادىي مىنستىرلىكىگە قارىغان. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىقتىسادقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. 1934 - يىلى <گېرمانىيە ئىگىلىكىنىڭ ئورگانىك قۇرۇلمىسى نىزامى> نى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ ئەسلىدىكى كارخانىلىرىنى زورلۇق بىلەن مونوپول كاپىتالغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت مونوپول كاپىتالىزمنى راۋاجلاندۇرغان، فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئىگىلىكى ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە خىزمەت قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。