Uyghur主要词典
ئىسلام خاھىشى ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تۇنىستىكى ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بولۇپ، 1981 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلدى. بۇ خەلقئارا ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەزالىرى مۇسۇلمان ياشلارنى ۋە زىيالىيلارنى ئاساس قىلىدۇ. دۆلەت ۋە جەمئىيەت ھاياتىنىڭ دىندىن خالىيلىشىشىغا، غەربلىشىشىگە قارشى تۇرىدۇ. تۇنىسنىڭ ئىسلام خۇسۇسىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى؛ <قۇرئان كەرىم> ۋە شەرىئەت پرىنسىپى بويىچە، ئىجتىمائىي بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىپ، نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىشى؛ مەغرىبتە، ئەرەب دۆلەتلىرىدە ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئىسلامىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي گەۋدىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى؛ <چىرىك> ھۆكۈمەتنى جىھاد يولى بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.