Uyghur主要词典
ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى بويىچە مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاكىستاندىكى ئۆلىمالارنىڭ يېرىم مەمۇرىي تەشكىلاتى بولۇپ، 1963 - يىلى قۇرۇلدى. 1977 - يىلى قايتىدىن قۇرۇلدى. شەرىئەتنى پىششىق بىلىدىغان بەشتىن يەتتىگىچە ئىسلام ئۆلىماسىدىن تەركىب تاپتى. ئۇلار دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن پرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەت ئېلان قىلغان ھەممە قانۇنلارنى تەكشۈرۈپ ۋە نازارەت قىلىپ، ئۇلارنى <قۇرئان كەرىم> گە، سۈننەتكە ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق؛ دۆلەت باشلىقىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇپ، قانۇننى <ئىسلاملاشتۇرۇش> مەسىلىسى توغرىسىدا زۇڭتۇڭغا ۋە خەلق پارلامېنتىغا تەكلىپ، مەسلىھەت بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. ۋاقىتقا قاراپ ھوقۇقى پەرقلىق بولىدۇ.