Uyghur主要词典
ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلەشمىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دىنىي - سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، بۇنى پاكىستانلىق داموللا مەۋلانە گەلزار ئەھمەد مۇزاھىرى 9631 - يىلى قۇردى. ئەسلىي ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكى مەزھەپ بولۇپ، سايلانغان 72 نەپەر ئۆلىمانى يادو قىلدى. ئىسلام دىنى سىياسىي جەھەتتە رەھبەرلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ قاراپ، جەمئىيەتنى <ئىدراك> شەكلى بىلەن ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلدى. سىياسىي ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ پائالىيىتى بەزىدە كۈچىيىپ، بەزىدە ئاجىزلاپ تۇردى. 1975 - يىلى مەملىكەت دائىرىسىدە شەرىئەت مەقسەت قىلىنغان ھەرىكەتنى قوزغاپ، ئىسلام ئۆلىمالىىرنى يېتىشتۈرىدىغان داىلفۇننى قۇردى. بۇ بىرلەشمىنىڭ داھىيىسى ئەرەب دۆلەتلىرىگە كۆپ قېتىم زىيارەتكە بېرىپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ دىنىي، سىياسىي ساھەدىكى ئەربابلىرىنى ئىسلام دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇشقا قايىل قىلدى.