Uyghur主要词典
ئىسلاز خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
رۇمىنىيىنىڭ ئىنقىلابىي ھۆججىتى. 1848 - يىل 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىسلازنىڭ يېنىدىك <قايتا گۈللەنگەن باياۋان> دا چاقىرىلغان خەلق چوڭ يىغىنىدا يون ھېلىيادى رادۇلىسكۇ يىغىنىغا قاتناشقان دېھقانلار، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ھەربىيلەرگە ئوقۇپ بەرگەن. قانۇن ئالدىدا بارلىق پۇقرالارنىڭ باراۋەت بولىدىغانلىقى، فېئوداللىق ئۇنۋان ۋە دەرىجە بىكار قىلىنىدىغانلىقى، جاۋابكار كابېنت قۇرۇلۇپ، مەتبۇئات، سۆز، يىغىلىش ئەركىنلىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، دارامەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان تاپاۋەت بېجى يولغا قويۇلىدىغانلىقى، 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەربىيە ئالىدىغانلىقى جاكارلانغان. خىتابنامە ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.