Uyghur主要词典
ئىسلام ئازادلىق تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىردىكى ئېكسترىمىزمچى تەشكىلات بولۇپ، 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا قۇرۇلدى. رەھبىرى سالىھ سىرىييا پەلەستىن تەۋەلىكىدىكى مىسىرلىق بولۇپ، ئەسلىي ئىئوردانىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شۆبىسى <ئىسلام ئازادلىق پارتىيىسى> نىڭ ئەزاسى ئىدى. تەشكىلات ئەزالىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى، ياش زىيالىيلارنى ئاساس قىلىدۇ. كۆپىنچىسى بۇرۇنقى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولغان ئادەملەر، قاھىرە، ئىسكەندەرىيە ۋە نىل دەرياسى دېلتىسىنى پائالىيەت بازىسى قىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ بەش پەرزىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى، <چىرىك> ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئارمىيە، ساقچى سىستېمىسىغا مەخپىي سىڭىپ كىرىپ ھاكىمىيەتنى زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋېلىش نىيىتىدە بولدى. 1994 - يىلى ھەربىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا ھۇجۇم قىلىپ نەتىجە قازىنالمىدى. شۇڭا <ھەربىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى گۇرۇھى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.