Uyghur主要词典
ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خەلقئارالىق ئىسلام پۇل مۇئامىلە ئورگىنى بولۇپ، 1975 - يىلى قۇرۇلدى، باش ئورگىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددەھ شەھىرىدە، نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىدە بۇنىڭ شۆبىلىرى ياكى ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى تەسىس قىلىندى. ھازىر بۇنىڭغا 45 دۆلەت ئەزا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش؛ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شەرىئەت بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بانكا ئورگانلىرىنى قۇرۇشىغا ياردەم قىلىش، غەيرىي ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىغا مەبلەغ ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. مەبلىغى ئىككى مىليارد دىنارغا يېقىنلىشىدۇ (ئىككى مىليارد 330 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر). شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە قەرز ئالغۇچىدىن 5.2 پىرسەنتلىك تۆۋەن ئۆسۈم ئېلىشقا بولىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ بانكا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق نىڭشاغا، شىنجاڭغا ۋە بېيجىڭغا تۆت ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە ئەرەب تىلى مەكتىپى سېلىش ئۈچۈن تۆت مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ھەقسىز ياردم قىلدى.