Uyghur主要词典
ئىسلام دىنى دۇنيا ئىتتىپاقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پان ئىسلام خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، 1962 - يىلى 5 - ئايدا مەككىدە قۇرۇلدى. باش ئورگىنى مەككىدە تەسىس قىلىندى. 60 نەچچە دۆلەتنىڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەكىللىرى ئەزا بولدى. باش كاتىپ باشچىلىقىدىكى تەشكىلىي مۇدىرىيەت ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇپ، ئۆز قارمىقىدىكى تارماقلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. 1974 - يىلىدىن كېيىن، ئوكيانىيە، ئافرىقا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئاسىيا ئىسلام دىنى بويىچە ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلدى. يىلدا بىر قېتىملىق ھەج ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ تۇرىدۇ ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ب د ت دا <غەيرىي ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەسلىھەت ئورگىنى> نىڭ ئورنىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مەقسىتى: دۇنيا دائىرىسىدە ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ دىنىي تەبلىغات پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش، خەلقئارا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىقنى قوللاشتىن ئىبارەت. <ئىسلام ئىتتىپاقلىقى> ئايلىق ژۇرنىلى (ئەرەبچە)، <مۇسۇلمانلار دۇنياسى> ژۇرنىلى (ئىنگلىزچە) چىقىرىلىدۇ.