Uyghur主要词典
ئىسلام دىنى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <بويسۇنۇش> ۋە <تىنچلىق> دېگەنلىك بولۇپ، يالغۇز ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشنى ۋە ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغۇچىلار تىنچلىققا ئىگە بولدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار مۇسۇلمان دېيىلىپ، <ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغۇچىلار>، ئاللا ئىلتىپات قىلغان تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن بولىدىغانلار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام دىنى دۇنيادىكى بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى قاتارلىق ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى دېيىلىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتتە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي دەۋردە ئىسلام دىنى گۈللىنىشكە باشلىدى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىچكى قىسىمدىكى ئورۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن يوقسۇللار بىلەن بايلارنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە قارشىلىشىشى، قەبىلىلەر ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، تەكرارلىنىپ تۇرغان قىرغىنچىلىق، ئەكسۈم پادىشاھلىقى ھازىرقى ئېفىئوپىيە( ۋە پارس قاتارلىق سىرتتىن كەلگەن مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى، مۇستەملىكچىلىكى ۋە ئەنئەنىۋى سودا يولىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەرەبلەردە بىرلىككە كەلگەن مىللىي دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئىستىكىنى قوزغىدى. ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇنداق ئارزۇ ۋە ئىستەك ئەمەلگە ئاشتى.
مەككىدە ئەرەب نەسلىدىن بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مىلادىيە Ⅶ ئەسىردە <قۇرئان كەرىم> نازىل بولۇپ، ئىسلام دىنى بارلىققا كەلدى. ئىسلام دىنى دەسلەپ بارلىققا كەلگەندە، مەككىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر ئېتىقاد قىلىدىغان مۇشرىكلىكنىڭ ۋە بۇتلارغا چوقۇنۇشنىڭ ئورنىنى باسالمىدى. مەككىدىكى ئاقسۆڭەك ئۆكتىچىلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن بىر قىسىم مۇسۇلمانلار مەككىدە تۇرالماي، تۈرۈكۈمگە بۆلۈنۈپ ئېفىئوپىيىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. زىيانكەشلىكنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادىيە 622 - يىلى مۇسۇلمانلارنى باشلاپ يەسرىب كېيىن مەدىنە نەبى )<پەيغەمبەر شەھىرى> دېگەن مەنىدىكى سۆزگە ئۆزگەرتىلدى، قىسقارتىلىپ مەدىنە دەپ ئاتالدى( كە ھىجرەت قىلىپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇممە قۇرۇپ، ئىسلامىيەت ئىشلىرىغا تەشكىلىي جەھەتتىن ئاساس سالدى. سىياسىي، ھەربىي، ئىجتىمائىي، دىپلوماتىيە، دىن قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ يىل كۈرەش قىلىپ، جۈملىدىن مەككىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن بولغان بەدرە غازىتى، ئوھۇد غازىتى، خەندەك غازىتى ئارقىلىق <ھۈدەيبىيە سۇلھىسى> نى تۈزدى. يەھۇدىيلار ۋە يېرىم ئارالدىكى باشقا قەبىلىلەر بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 630 - يىلى مەككىنى ئېلىپ، شۇ يەردىكى بۇتلارنى چېقىۋېتىپ، ئۇ يەرنى مۇقەددەس يەر قىلدى. كېيىنكى يىلى مەككە ۋە باشقا جايلاردىكى قەبىلىلەر ئىسلام دىنىغا كىرىپ ياكى بويسۇنۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نوپۇزىنى ۋە دىنىي جەھەتتىكى پەيغەمبەرلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 632 - يىلى ۋاپات بولغاندا ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارلىدىكى ئەرەب مىللىتىنىڭ ھۆكۈمران دىنى بولۇپ قالدى. تۆت خەلىپە دەۋرىدە )632 - 661( ئەرەب مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ سىرتنى بويسۇندۇرۇش، يولىدىكى ئۇرۇشلىرى ۋە سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر، مىسوپوتامىيە، پرسىيە قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىش بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىسلام دىنى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا قىتئەلىرىگە كېڭەيدى ھەمدە ئەرەبلەرنىڭ مىللىي دىنىدىن تەدرىجىي دۇنياۋى دىن بولۇپ ئۆزگەردى. مەدىنىدە ئۇممە ۋە خەلىپە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئىسلام دىنى باشتىن - ئاخىر مۇسۇلمانلار ئىمپېرىيىسى ۋە يەرلىك خاندانلىقلارنىڭ ھۆكۈمران ئىدىيىسى ياكى مەنىۋى تۈۋرۈكى بولۇپ كەلدى. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندا بەزى دۆلەتلەر ئسىلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى؛ بەزى دۆلەتلەرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، ئېتىقاد قاتارلىقلاردا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئىسلام دىنى مۇھىم ھەتتا ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىدى.
يەھۇدىي دىنى ۋە خرىستىئان دىنىدىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئىلاھلىق دىن بولۇشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەنى قەدىمكى سىمىتلارنىڭ بىر ئىلاھلىق كۆز قارىشىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئىسلام دىنى شەكىللىنىش داۋامىدا غەربىي ئاسىيادىكى باشقا دىنلار مەسلەن، يەھۇدىي دىنى، خرىستىئان دىنى، زاراتوسترا دىنى قاتارلىق دىنلار) ۋە تەلىماتلار (مەسلەن، يېڭى ئەپلاتونىزم) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى ھەمدە قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد، چوقۇنۇش مۇراسىملىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى بەزى ئامىللارنى قوبۇل قىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. ئىسلام دىنى ئېتىقاد قىلىش (ئىمان ئېيتىش)، دىنىي مەجبۇرىيەت (ئىبادەت) ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش (ئېھسان) دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپتى. ئاساسىي ئىمان ئالتە بولۇپ، ئاللانىڭ بىرلىكى ۋە تەڭداشسىزلىقىغا ئىمان ئېيتىش، جىبرىئىل باشچىلىقىدىكى پەرىشتىلەرگە ئىمان ئېيتىش، <قۇرئان كەرىم> گە ۋە بۇرۇنقى كىتابلار (<تەۋرات>، <ئىنجىل>، <زەبور> لار) ئاللانىڭ ۋەھىيىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ <ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى> (33 - سۈرىنىڭ 40 - ئايىتىدىن) ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش، باقىي ئالەمنىڭ تۇرمۇشىغا، مەھشەر كۈنىدىكى سوراققا، جەننەت مۇكاپاتى ۋە دوزاخ ئازابى (بىر قىسىم مۇتەكەللىمۇنلارنىڭ تەشەببۇسى) غا ئىمان ئېيتىش، ھەممىنى ئاللانىڭ تەقدىرىگە پۈتۈۋەتكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىنىي مەجبۇرىيەت مۇنۇلاردىن ئىبارەت: <كەلىمە تەييىبە> نى ئوقۇپ، ئاللانىڭ بىرلىكىگە گۇۋاھ بولۇش، ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئىپادىلەش، شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، سەدىقە بېرىش ۋە ھەج قىلىش لازىم ( بەش پەرز دېيىلىدۇ، يۇقىرىقى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تەرەت ئېلىپ جۈملىدىن غۇسلى قىلىپ، تاھارەت ئېلىپ، سۇ يوق يەردە توپا بىلەن تەييەممۇم قىلىپ)، دىنىي پەرزنى ئادا قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش ھەمدە ئېتىقادقا بولغان ئىخلاسىنى ئىپادىلەش؛ <ئاللا يولىدا> جەڭ قىلىش لازىم (بۇ ئەقىدە ئەينى يىللاردا پەرزلەرنىڭ بىرى قىلىنغان، <قۇرئان كەرىم> نىڭ 2 - سۈرە 216 - ئايىتىگە قاراڭ، كېيىنرەك زور كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن تاشلاپ قويۇلدى)؛ ئون پەرزگە ئەمەل قىلىش (جۈملىدىن بۇتلارغا چوقۇنۇشنى چەكلەش، مۇشرىكلىككە قارشى تۇرۇش، زىنا قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، ئاتا - ئانىغا ۋاپادار بولۇش، يېتىم - يېسىرلارغا ۋە يوقسۇللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش)، خەير - ئېھسان قىلىش، سەدىقە بېرىش، يوقسۇللارغا دەرمان بولۇش ۋە باشقا ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش لازىم. پاكىزلىق، نىكاھ، ئائىلە، ئۆلۈم - يېتىم، يېمەك - ئىچمەك، جەڭ قىلىش، سودا، قەرز بېرىش - ئېلىش، ئۆسۈم، مىراس قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ شەرىئەتتە قاتتىق بەلگىلىمە ۋە پەرزلار بار. قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، مەۋلۇد مۇھىم ھېيت - ئايەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھېيت - ئايەملەر ئومۇملاشقان ئوخشىمىغان رايونلار، مىللەتلەر ۋە مەزھەپلەردە ئۆزىگە خاس بايرام ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بولىدۇ. مۇسۇلمانلار مەسچىتنى دىنىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىي تۇرمۇش (سىياسىي تۇرمۇش)، مەركىزى قىلىدۇ. بەزى جايلاردىكى خانىقا، قەبرىگاھ، مازار، گۈمبەز قاتارلىقلارمۇ شۇ جايلاردىكى ۋە باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىدۇ، شۇ رايون ۋە بىنالارنى زىيارەت قىلىش ئۇلارنىڭ ھەج قىلىشتىن سىرتقى دىنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە دىنىي ئىشلارغا بېغىشلىغان (مەسلەن، ئىمام، خاتىپ، مۇئەززىن، مۇپتى، ئۆلىما، مۇجتەھىد، ئاياتۇللا قاتارلىق) لار ئىسلام ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
<قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىس ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي كىتابلىرى بولۇپ، دىنىي ئەھكام، دىنىي قائىدە، شەرىئەت، ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى، تەلىماتلارنىڭ كىتاب ئاساسى ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمان ئۆلىمالار <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ نۇرۇن ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ ئەسەرلەر تەبىر، ھەدىس، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدە، شەرىئەت، ئېتىقاد، پەلسەپە، تارىخ، جەمئىيەت، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرگە چېتىلدى. ئۇلاردا ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادەت قارشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى، يامانلىقنىڭ جازاسى بولىدىغانلىقى تەرغىب قىلىنىدۇ. ھەممىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكى ۋە <مۇرەسسە - مادار> قىلىش يولى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ھېيىقىش، تەقۋادارلىق، بويسۇنۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، سەۋرچان بولۇش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، كەمتەر، كەڭ قورساق بولۇش قاتارلىق پەزىلەتلەرنى مۇئامىلە قىلىش ۋە ئىش بېجىرىش قائىدىسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، سىياسىي قاراشلاردا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇممەنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا كىم رىياسەتچىلىك قىلىش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىنى كىم ئۈستىگە ئېلىش مەسلىسىدە) پەيدا بولغان ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن، دىنىي ئىختىلاپ (چوڭ ئىشلاردا بەندە ھۆكۈم چىقىرىشى ياكى ئاللا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەكمۇ؟ دېگەن پىكىر ئۈستىدە) پەيدا بولۇپ، ئۈممە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئوخشىمىغان مەزھەپلەر ئىلگىرى - كېيىن بۆلۈنۈپ چىقتى: خاۋارىجلار بەندىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. شىئە مەزھىپى خەلىپە ئورنىغا ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى، سۈننىي مەزھىپى بولسا خەلىپىنى سايلاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇردى. خاۋارىجلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە شىئە مەزھىپى بىلەن سۈنئىي مەزھىپىنىڭ دىنىي تۈزۈلمىسى ئاخىرقى ھېسابتا مۇقىملاشتۇرۇلدى ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى. جۈملىدىن بەزى مەزھەپلەر ئىچىدىكى دىنىي ئەھكام تەشەببۇسىنىڭ پەرقلىق بولۇشى ياكى مەنپەئەت توقۇنۇشى تۈپەيلىدىن، بەزى مەزھەپلەر ئىدىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتلەردە بۆلۈنۈپ كەتتى. مەسلەن، شىئە مەزھىپىدە زەيدىلەر، ئىسمائىلىيەلەر ۋە ئون ئىككى ئىمامچىلار بۆلۈنۈپ چىقتى. بەزى كىچىك مەزھەپلەر ئىچىدىمۇ ئوخشىمىغان مەزھەپ ۋە تارماقلار پەيدا بولدى.
دىنىي تۈزۈلمە شەكىللىنىش بىلەن بىللە ئىلمىي فىقھە كۈنسايىن مۇكەممەللىشىپ باردى. دەسلەپ يەرلىك خاراكتېردىكى كىچىك ئەھلىي فىقھەلەر بار ئىدى، Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە ئەبۇ ھەنىفە، مالىك، شافىئىي ۋە ئىبنى ھەنبەلى قاتارلىق فەقىھلەر ۋەكىللىك قىلغان ئىلمىي ئېقىملار كەينى - كەينىدىن شەكىللەندى. ئۇلارنىڭ فىقھە تەشەببۇسلىرى سۈننىي مەزھىپى تەرىپىدىن كۈچكە ئىگە دەپ ئېتىراپ قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، شىئە مەزھىپى ۋە خاۋارىجلارمۇ مۇناسىپ ھالدا مۇستەقىل فىقھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھسسالام، ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى <قۇرئان كەرىم> نى توپلاپ كىتاب قىلدۇردى. كېيىن ھەزرىتى ئوسمان ساھابىلەرنى قۇرئاننى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئۇيۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن، <قۇرئان كەرىم> نىڭ <ئوسمانىيە نۇسخىسى> پۈتتى. بۇرۇن ھەدىسلەرنى توپلاش پائالىيىتى تارقاق ئېلىپ بېرىلغانىدى. Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە ھەدىسلەرنىڭ راستلىرى بىلەن ساختىلىىرنى پەرق ئېتىش، ئىسپاتلاش ئارقىلىق، مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل بۇخارى، مۇسلىم ئىبنى ھەججاج، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسائى ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق ھەدس ئالىملىرى توپلىغان ھەدىسلەر سۈننىي مەزھىپى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ۋە نوپۇزلۇق ھەدىسلەر دەپ ئېتىراپ قىلىندى. كېيىن <سىھاھى سىتتە> (ئالتە چوڭ ھەدىس كىتابى) دەپ ئاتالدى. بولارنىڭ ئىچىدە، بۇخارى توپلىغان ھەدىسلەر توپلىمى - <سەھىھۇل بۇخارى> <قۇرئان كەرىم> دىنلا كېيىن تۇرىدىغان كىتاب بولدى. Ⅹ ئەسىردە شىئە مەزھىپى ئۆز مەزھىپىنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاشنى باشلىدى. ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد كۇلاينى، مۇھەممەد بىننى بابۇيە ۋە تۇسى قاتارلىق ھەدس ئالىملىرى توپلىغان تۆت توپلام ھەدىس <كۇتۇبى ئەربەتە> (تۆت ھەدىس شېرىپ) دەپ ئاتىلىپ، نوپۇزلۇق كىتابلار قىلىندى. <قۇرئان> ۋە ھەدىس شەرىئەتنىڭ ئاساسىي مەنبەسى قىلىندى. <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئوخشاش بولمىغاچقا، دىنىي ئەقىدىنى چۈشىنىش جەھەتتە Ⅶ ئەسىردە ھەر خىل ئېقىملار پەيدا بولدى. قەدەرىيىلەر تەقدىرچىلىككە قارشى تۇردى.جەبرىييەچىلەر تەقدىرچىلىكتە چىڭ تۇردى. مۇرجىئەلەر دىلدا ئېتىقاد قىلىشنى تەكىتلىدى ھەمدە گۇناھقا <كېچىكتۈرۈپ> ھۆكۈم كېسىشنى تەشەببۇس قىلدى. مۇئتەزىلىلەر ئىدراكنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە ئاللانىڭ بىرلىكىنى ۋە ئادىللىقىنى تەكىتلىدى. سۈپەتچىلەر ئاللانىڭ ئادەمگە ئوخشايدىغانلىقىنى (شەكلى ۋە جىنىسىي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى) ياكى بەدىنىدە گۆش بارلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. ئەشئەرىچىلەر ئېتىقاد بىلەن ئىدراكنى مۇرەسسە قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ئىدراك بىلەن قوغدىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدراكنى چۆكۈردى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەشھەرىچىلەرنىڭ ئەقىدىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىقادى قىلىپ بەلگىلەندى. شۇنىڭدىن كېيىن، غەززالى ئۇنى تەسەۋۋۇپ مىستىتسىزمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سۈننىي مەزھىپى ئەقىدىسىنىڭ ئاخىرقى شەكلىنى شەكىللەندۈردى ھەمدە دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ئەمەل قىلدى. دىنىي تۇرمۇش ياكى مۇنازىرە ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان مەزھەپلەر (جۈملىدىن فىقھىيەلەر) باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، دىنىي ئىلىملەر (<ئەنئەنىۋى ئىلىملەر>، مەسلەن، تەپسىرشۇناسلىق، ئىلمىي تەجۋىد، ھەدىسشۇناسلىق ئىلمى، ئىلمى تەۋھىد قاتارلىقلار) ۋە ئىسلام نامى ئاستىدىكى دىندىن تاشقىرى پەنلەر (ئىدراكى پەنلەر، مەسلەن، پەلسەپە، فىزىكا، ئېتىكا، چۈشكە تەبىر بېرىش قاتارلىقلار) مۇ مۇشۇ دەۋردە بارلىققا كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدى.
شىئە مەزھىپى ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتە ھوقۇقسىز ۋە قانۇنسىز ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ بەزى تارماق مەزھەپلىرى بەزى جايلاردا بىر مەھەل مۇستەقىل خاندانلىقلارنى قۇرغان (مەسلەن، ئىسمائىلىيەلەر شىمالىي ئافرىقا، مىسىر، سۈرىيىلەردە؛ زەيدىلەر قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي رايونىدا ۋە يەمەندە خاندانلىق قۇرغان) بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار شىئە مەزھىپىدىكى پۈتۈن دۆلەت ئەمەس ئىدى، شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسى 1502 - يىلى پرسىيىدە دۆلەت دىنى قىلىندى. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شەرىئەتتە ئىدراكلىقنى تەشەببۇس قىلغان ئۇسۇل ئېقىمىدىكىلەر جاھىل ئەقبەرىيلەرنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلىدى؛ دىنىي ۋەزىپە جەھەتتە، تۆۋەن دەرىجىلىك موللىدىن تارتىپ، ئۆلىما، مۇجتەھىد، ھەتتا ئايەتۇللاغىچە بولغان تۈزۈلمە تەدرىجىي شەكىللەندى، شىئە مەزھىپى پارس ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە پۇختا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە بولدى.
بىر قىسىم تەقۋادارلارنىڭ دىنىي قائىدە ۋە تۇرمۇش شەكلىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسيىسى ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭكىگە ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تەخمىنەن Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى تەسەۋۋۇپچىلار (سوپىلار) شەكىللەندى، ئۇلار ئاددىي - ساددا، نامرات ئۆتۈش، ئەھلى رىيازەت چېكىش، تىرىشىپ ئىبادەت قىلىش، ئۆزىنى ئۇنتۇپ تىلاۋەت قېلىشتا چىڭ تۇرغاندىن باشقا، مەنىۋى ئىبادەتنى، چىداپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، روھىنى پاكلاشتۇرۇپ، ئاللا بىلەن بىر بولۇپ كېتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەكىتلىدى. تەسەۋۋۇپچىلار قۇرئان، ھەدس ئەقىدىلىرىنى مىستىتىسىزملىق (تىلسىماتىچلىق، سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق)تەرەپتىن ئىزاھلاپ، ئىلاھىي مۇھەببەت، ئىلاھىي ئەقلىيەت، ئىلاھىي نۇر، پان ئىلاھىزم قاتارلىق تەشەببۇس ۋە ئىبادەتكە دائىر ئەسەرلەرنى پەيدا قىلدى. Ⅺ ئەسىردە غەززالى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مىستىتىسىزمى بىلەن ئەنئەنىۋى ئەقىدىنى مۇرەسسە قىلىپ ھۆكۈمەت ئېتىقادى قىلغاندىن كېيىن، Ⅻ ئەسىردە تەسەۋۋۇپچىلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جايلاردا غەربتىكى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھەم ئۆز ئارا مۇستەقىل بولغان دىنىي پىرقىلەرگە تەرەققىي قىلدى. تەسەۋۋۇپ دىنىي پىرقىسى ئەل ئىچىدىكى ئېتىقادنىڭ تەشكىللىك شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەز ئېيتىپ، مۇرت قوبۇل قىلدى، بۇرۇن ئىسلام دىنى تارقالمىغان جايلاردا بولۇپمۇ ئابباسىيلار سۇلالىسى (750 - 8125) يىمىرىلگەندىن كېيىن، تۆمۈرىيلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان كەڭ رايونلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. سىستېمىلاشقان ۋە مېتافىزىكىلاشقان تەسەۋۋۇپ مىستىتسىزمى ئىسلام دىنىدا Ⅻ ئەسىردىن ⅧⅩ ئەسىرگىچە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇردى.
يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدىكى دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇستەملىكچىلەر، جاھانگىرلارنىڭ مۇستەملىكىسى ياكى بېقىندى دۆلەتلىرى بولۇپ قالدى. مىللىي مۇستەقىللىق، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ئېكسپىلاتاتسىيىدىن، زۇلۇمدىن، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ھەمدە شۇ جايلاردىكى ئىسلام دنىنى گۈللەندۈرۈش، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مىستىتىسىزمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار ئىسلام بايرىقى ئاستىدا، كۆپ قېتىم ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر (مەسلەن، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ۋەھھابىيلار ھەرىكىتى، پرسىيىدىكى بابىيەلەر) ھەرىكىتى، سۇداندىكى مەھدى ھەرىكىتى، شىمالىي ئافرىقىدىكى سەنۇسلار ھەرىكىتى، ھىندىستاندىكى ئارىكا ھەرىكىتى، ھىندونېزىيىدىكى پادېرلار ھەرىكىتى قاتارلىقلار( نى قوزغاپ، ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرى )مەسلەن، پان ئىسلامىزم، ئىسلام مۇدېرنىزمى، ئىسلام سوتسىيالىزىمى قاتارلىقلار( نى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ، ⅩⅩ ئەسىردىكى 60 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن 70 - يىللارنىڭ باشلىرىغىچە باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش پىكىر ئېقىمى ۋە ھەرىكەتنىڭ تەسىرى ئەڭ چوڭ بولدى. ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرى پان ئىسلامىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن قۇرغان ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى، بېنگال دۆلىتى )70 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى(، پاكىستان )70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى(، سۇدان )80 - يىللارنىڭ باشلىرى( يولغا قويغان ئىسلاملاشتۇرۇش، ئىراندىكى <ئىسلام ئىنقىلابى> نىڭ غەلىبىسى ۋە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى )1979 - يىلى( قاتارلىقلار ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي رولىنى ئىپادىلەپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئىسلام دىنى ئاساسلىقى غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، جەبۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردا ئومۇملاشقان. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، نېگىرلار ئافرىقىسى قاتارلىق رايونلاردا تېز ئومۇملاشتى. 1996 - يىلىدىكى تولۇقسىز مەلۇماتتىن قارىغاندا، دۇنيا بويىچە 1 مىليارد 127 مىليون مۇسۇلمان بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4.19 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. ئىسلام دىنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگوغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 1300 يىلدىن ئاشتى. جۇڭگودا يەرلىكلىشىش ۋە مىللىيلىشىشكە ئەگىشىپ، ئاخىر جۇڭگو ئىسلام دىنى بولۇپ شەكىللەندى. ئسىلام دىنى بۇرۇن جۇڭگودا <خۇيجاۋ> )回教(، <خۇيخۇيجاۋ> )回回教(، <تيەنفاڭجاۋ> ) 天房教(، <چىڭجىنجاۋ> )清正教( دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. تەيۋەن، شياڭگاك، ئاۋمېن قاتارلىق جايلاردا ھازىرمۇ <回教> دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنى قۇرۇقلۇقتىكى <يىپەك يولى> ۋە دېڭىزدىكى <خۇش پۇراق ماتېرىياللار يولى> ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىغا كىرگەن. جۇڭگونىڭ تارىخي ئەسەرلىرىدە ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشى توغرىسىدا ئېنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. ئىسلام دىنى شىنجاڭدىكى بەزى جايلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، سالار، تاجىك، ئۆزبېك، باۋئەن، تاتار قاتارلىق 10 مىللەتتىن بولغان 17 مىليوندىن ئارتۇق )1996 - يىلىدىكى سان( نوپۇس ئىچىگە تىنچلىق بىلەن تەدرىجخي ئومۇملاشقان. مۇسۇلمانلار پۈتۈن مەملىكتەنىڭ شەھەر - يېزىلىرىغا تارقالغان. غەربىي شىمالدىكى شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشا، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە )رايون( لاردا كۆپ ئولتۇراقلاشقان. يۈننەن، شەنشى، شەندۇڭ، بېيجىڭ، خېبېي، خېنەن، ئەنخۇي، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكە - شەھەرلەردىمۇ خۇيزۇلار تارقىلىپ، نىسبىي توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بار.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مۇسۇلمانلار ئەرەب سودىگەرلىرىنى ئاساس قىلغان شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدىكى بەزى شەھەرلەر مەسلەن، گۇاڭجۇ، ياڭجۇ، چۇەنجۇ، خاڭجۇ، مىڭجۇ )بۈگۈنكى نىڭبو( قاتارلىق رايونلارغا ۋە ئىچكى ئۆلكىدىكى چاڭئەن )بۈگۈنكى شىئەن( قاتارلىق رايونلارغا ئەرەب، پرسىيىدىن كەلگەن سودىگەرلەر، ئەلچىلەر ۋە مۇھاجىرلار ماكانلاشقان، جۇڭگودا <ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ، يەر - زېمىن سېتىۋېلىپ، پايدا ئېلىپ، قايتىپ كېتىشنى خالىمىغانلار تۆت مىڭ ئادەمگە يەتكەن>. كېيىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ماقۇل بولۇشى بىلەن، دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. قايتىپ كېتىشنى خالىمىغانلارغا <ۋەزىپە، مائاش بېرىلگەن، ئۇلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ پۇقراسى بولغان.> )<ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر> 232 - جىلد(. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ئىش داۋاملىشىپ تۇرغان، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قايتىپ كەتمەيدىغانلار تېخمۇ كۆپەيگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل قوشۇنى بىلەن بىللە سەپەرگە چىققان ئەرەب، پرسىيە، ئوتتۇر ئاسىيا تەۋەلىكىدىكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلار جۇڭگودا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ، ساملار دەپ ئاتالغان. ئۇلار خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىپ، ئەۋلادى كۆپەيگەن، شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى تېز كۆپەيگەن. <يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى ماكان قىلدى، جاڭنەندە ناھايىتى كۆپ> دېگەن سۆزلەر ئورۇنسىز بولغان ئەمەس. ئۇلار خۇيزۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن خۇيزۇلارنى شەكىللەندۈردى. سالار، دۇڭشياڭ، باۋئەن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ شەكىللەندى ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. شىنجاڭ رايونىدا قاراخانىيلارنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى ئىسلاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅥⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلدى. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قىرغىزلار ئىسلام دىنىغا كىردى. ئسىلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تاتارلار ⅩⅪ ئەسىرنىڭ باشلىرى شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلدى. قازاق، ئۆزبېك، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى.
ئسىلام دىنىنىڭ جۇڭگودا تەرەققىي قىلىشى روشەن رايون ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
دىنىي تەربىيە جەھەتتە، شىنجاڭ رايونىدا Ⅺ ئەسىردە مەسچىتلەردىن نىسپىي مۇستەقىل بولغان دىنىي مەكتەپلەر قۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئالىملىرى ئەرەب يېزىقىنى بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن ئۇيغۇر يېزىقى ئورنىغا دەسسەتتى. ئىچكى ئۆلكىلەردىكى دىنىي تەربىيە جۇڭگوغا كەلگەن تەسەۋۋۇپچى ئاشىقلارنىڭ ۋە سوپىزملىق ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا خۇدىڭجۇ مەدرىسە تەلىم - تەربىيىسىنى كەسىپ قىلدى )كېيىن مەدرىسە مەسچىتكە تەۋە قىلىنىپ، مەسچىت تەلىم - تەربىيىسى دەپ ئاتالدى(. مەدرىسە تەلىم - تەربىيىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش داۋامىدا كۆپ خىل دەرسلىكلەر قوللىنىلدى. جايلارنىڭ تەلىم - تەربىيە مەزمۇنى، ئالاھىدىلىكى پەرقلىق بولغاچقا، ئوخشىمىغان ئىلمىي ئېقىملار پەيدا بولدى. بۇلار ئەرەبچە كىتابلارنى قوللىنىپ، سازبولۇش، خاس بولۇشنى تەكىتلەيدىغان، ئىلمىي تەۋھىدكە ئەھمىيەت بېرىدىغان شەنشى ئېقىمى؛ ساز بولۇش ۋە پىششىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، <قۇرئان كەرىم> تەپسىرىگە ۋە پارسچە كىتابلارغا پۇختا، ئەرەبچە، پارسچە دەرس ئۆتەلەيدىغان شەندۇڭ ئېقىمى؛ يۇقىرىقى ئىككى ئېقىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يىغىپ، ئەرەبچە كىتابلارنىمۇ پىششىق بىلىدىغان يۈننەن ئېقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، مۇددەرسلەر <مەدرسە تىلى> ۋە <مەدرسە يېزىقى> ئىجاد قىلدى. كېيىن <خەنزۇچە، ئەرەبچىنى قوشۇپ دەرس ئۆتۈش> نى قوللاندى ھەمدە مەدەنىيەت دەرسلىرىنى كۆپەيتتى.
دىنىي ئەسەرلەر جەھەتتە شىنجاڭ رايونىدىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدا يېزىلدى. ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر ۋە شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان )1018 ياكى 0191 - ؟( <قۇتادغۇبىلىگ>، ئالىم مەھمۇد قەشقەرى يازغان <تۈركىي تىللار دىۋانى> )تەخمىنەن 1072 - 1074 - يىللىرى تاماملانغان( ۋە شائىر ئەھمەد ئىبنى مەھمۇد يۈكنەكى يازغان )1107 - 1180( <ھەتەبەتۇل ھەقايىق> مەشھۇر ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇدىڭجۇ ئۆزى بەزى ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدى. ئۇ ئەسەرلىرىدە سوپىزنى ئەكس ئەتتۈرگەندىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياكى كۇڭزىچىلار ئىدىيىسىنىڭ ئامىللىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قوبۇل قىلدى. ۋاڭ دەييۈينىڭ <توغرا دىننىڭ ھەقىقەتلىرى> ۋە <ئىسلام دارىلفونى>، جاڭ جۇڭنىڭ <مىرسا دۇنى>، ماجۇڭ ۋە ئۇنىڭ <مۇسۇلمانچىلىق قىبىلنامىسى>، ليۇجى ۋە ئۇنىڭ <ئىسلام ئىدراكى>، <ئىسلام مۇراسىملىرى> ۋە <تۈگەنچى پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمھالى>، ئۇلاردىن كېيىنكى ما فۇچۇ ۋە ئۇنىڭ <تۆت دىنىي ئۇسۇلنىڭ خۇلاسىسى>، <يولشۇناسلىق دېگەن نېمە> قاتارلىقلار مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى مەشھۇر مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دىنىي مەزھەپ جەھەتتە، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپ بولۇپ، ھەنەفىيە مەزھىپىگە ئەمەل قىلىدۇ. شىئە مەزھىپى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئون ئىككى ئىمامچىلار ۋە تاجىكلار ئىچىدىكى ئىسمائىلىيەلەر ئىچىدە مەۋجۇت. لېكىن ئۇلارنىڭ ئادەم سانى ئاز، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى <قەدىمىيە> دېيىلىپ، ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، ⅧⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى غەربىي شىمال رايونىدا شەكىللەنگەن دىنىي پىرقىلەر ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى ئىشانلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى تەسەۋۋۇپچىلار شىنجاڭ رايونىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە بولدى. خوجىلار دىنىي ھوقۇقنى ۋە يەرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قارا تاغلىقلار ۋە ئاق تاغلىقلارغا بۆلۈنۈپ ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلدى. ئۇلار بۇرۇنقى يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ، دىنىي يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ياكى شېھىتلەرنىڭ قەبرىلىرىنى رېمونت قىلىپ، كېڭەيتىپ، مازار قىلىپ مۇسۇلمانلار تاۋاپ قىلىدىغان <مۇقەددەس يەر>، <ئەۋلىيالار قەبرىگاھى> قىلىپ، سوپىزمنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشنى قوللىدى. <ئىشانلىق> نامى بىلەن نەقىشبەندىيە، قادىرىيە، سۇھرەۋەردىيە، چېشتىيە قاتارلىق تەسەۋۋۇپچى مەزھەپلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدى. سوپىزم بىلەن يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىرلىشىپ، شىنجاڭدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈردى )مەسلەن، مازارلارنى قەرەللىك تاۋاپ قىلىپ تۇرىدىغان بولدى(. غەربىي شىمالدىكى دىنىي پىرقە تۈزۈمىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ جۇڭگودىكى تەسىرىدىن ئايرىلمايدۇ، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە تەسەۋۋۇپ ئەسەرلىرىنىڭ تارقىلىشى دىنىي پىرقىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسى بولدى. غەربىي شىمال رايونىدا مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ كۆپ بولغانلىقى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان فېئودال ئىگىلىكنىڭ شەكىللىنىشى خۇيزۇلار ئارىسىدىكى سۈلۈكلەرنىڭ تىكلىنىشىگە ئىقتىسادىي ئاساس سېلىپ بەردى. چەت ئەللەردىن كەلگەن دىنىي دەۋەتچىلەر ياكى ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئۆلىمالار غەربىي شىمال رايونىدا مىستىتسىزمنى تارقىتىپ، تۇرمۇشى كۈنسايىن نامراتلىشىپ كېتىپ بارغان بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىغا ماسلاشتى. سۈلۈكنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگودىكى ئسىلام دىنىدا پارچىلىنىش بولدى. ئەنئەنىۋى ئېتىقادقا داۋاملىق چىڭ تۇرغان مۇسۇلمانلار ئۆزىنى <قەدىمىيە> )قەدەم مەزھىپى( دەپ ئاتاپ، سۈلۈكتىن پەرقلەندۈردى. سۈلۈك تۆت تارماققا )بەھرىيە، خۇپىيە، قادىرىيە ۋە كۆپرەۋىيىگە( ۋە بىر - بىرىدىن مۇستەقىل بولغان 40 شۆبە تارماققا بۆلۈنۈپ كەتتى. قەدىمىيە بىر مەھەل ئۈچ ئاخۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى. كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئىمام ئاخۇن )مۇقەددەس ئاخۇن( تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ئالدى. مەسچىت تەۋەلىكى مەركەز قىلىنىپ، بىر - بىرىگە تەۋە بولمىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، مىنگونىڭ باشلىرى غەربىي شىمال رايونىدا ئىخۋانىيە ۋە شىداۋتاڭ )غەربىي خانىقا( مەزھىپى باش كۆتۈردى. ئىخۋانىيە <سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ، دەھرىيلىكنى تۈگىتىش>، <دىندا قۇرئان بويىچە يول تۇتۇش> نى <تەشەببۇس قىلىپ>، <ئەھلى سۈننەتلەر> دەپ ئاتالدى.
<قۇرئان كەرىم> ن تەرجىمە قىلىش جەھەتتە، ۋاڭ دەييۈي، ليۇجى قاتارلىق مۇسۇلمان ئالىملار <قۇرئان كەرىم> نىڭ بىر قىسىم سۈرىلىرىنى خەنزۇچىغا <تاللاپ تەرجىمە قىلىش> نى باشلىدى. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا <تاللانغان تەرجىمە> لەر بارلىققا كەلدى. بۇلار ئادەتتە <خەتمە قۇرئان> دەپ ئاتىلىپ، <قۇرئان كەرىم> دىكى <سۈرە فاتىھە> ۋە بىر قىسىم قىسقا سۈرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەن مەنە تەرجىمىسىنى تەڭ ئىشلەش، مەنە تەرجىمىسى بىلەن ئىزاھلاشنى تەڭ ئىشلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل قوللىنىلدى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن بۇيان، <قۇرئان كەرىم> نىڭ كۆپ خىل تەرجىمە نۇسخىلىرى چىقىرىلدى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئادەتتىكى سۈرە - ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. شىنجاڭ رايونىدا <قۇرئان كەرىم> ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلار دېموكراتىيە ۋە مىللەتلەر باراۋەر بولۇش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغىچە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتى - جۇڭگو ئىسلام جەمئىيتى )بېيجىڭدا( بولغاندىن باشقا، ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرى قۇرۇلدى. دىنىي خادىملارنى تەربىيىلەش جەھەتتە، مەملىكەتلىك ئسلام ئىنىستىتۇتى )بېيجىڭدا( دىن باشقا، يەرلىكتىمۇ ئىسلام ئىنىستىتۇتلىرى قۇرۇلدى. شەرت - شارائىتى بار مەسچىتلەر ياكى ئاخۇنۇملارمۇ مەدرىسە ئاچتى ياكى ياش تالىپلارنى قوبۇل قىلىپ تەربىيىلىدى. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئۆزىنىڭ دىنىي ژۇرنىلى <جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى> )بېيجىڭدا، قوش ئايلىق ژۇرنال( نى خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە نەشر قىلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بېيجىڭدا دىنىي كىتابلارنى ئالماشتۇرۇشنى تەسىس قىلغاندىن باشقا، ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەدىكى مەسچىتلەرمۇ كىشىلەرنى مۇناسىۋەتلىك دىنىي كىتابلار ياكى دىنىي بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىدى.