Uyghur主要词典
ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق ھۆكۈملىرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىن
ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ ئۈچ تارمىقىنىڭ ئۈچىنچىسى. مۇھەممەد پەيغەمبەر: <مەن پەقەت ئەخلاقىي ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم>، <ئىسلامىيەت گۈزەل ئەخلاقتۇر> دېگەن. ئايەت ۋە ھەدىسلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەخلاق ھۆكۈملىرى مۇسۇلمانلارغا (1) ئىنساننىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە قارىتا ۋەزىپىلىرى؛
(2) ئىنساننىڭ ئۆز شەخسىيىتىگە قارىتا ۋەزىپىلىرى؛
(3) ئىنساننىڭ ئائىلىسىگە قارىتا ۋەزىپىلىرى؛
(4) ئىنساننىڭ ۋەتەن، مىللەتكە قارىتا ۋەزىپىلىرى؛
(5) ئىنساننىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتا ۋەزىپىلىرىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتىنى بۇيرۇدى. بۇ ھۆكۈملەرنىڭ يىغىندىسى ئىسلامىيەتتە <شەرىئەت> ۋە <شەرئى ھۆكۈملەر> دېيىلىدۇ.