Uyghur主要词典
ئىسلام دۆلىتى ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندونېزىيىدىكى ئىسلام ھاكىمىيەتچىلىك ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1949 - يىلى ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، سۇماتېرانىڭ شىمالىدىكى ئاتسېخ رايونى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي ئاپتونوم ئۆلكىسى قىلىنغانىدى؛ 1950 - يىلى بۇ رايون سۇماتېرا ئۆلكىسىگە قوشۇۋېتىلگەنلىكتىن، يەرلىك خەلق نارازى بولدى. سابىق ئۆلكە باشلىقى داۋۇد بېئورېنئەھ جاكارتاغا بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈردى. داۋۇد بېئورېنئەھ 1953 - يىلى 5 - ئايدا يەنە بىر ھۆكۈمەت روھانىيلىق تەرەپدارى كارتوسوۋرجو بىلەن توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى. داۋۇد بېئورېنئەھ رەھبەرلىك قىلغان <پۈتۈن ئاتسېخ ئىسلام ئىتتىپاقى> قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى. داۋۇد بېئورېنئەھ رەھبەرلىك قىلغان <پۈتۈن ئاتسېخ ئىسلام ئىتتىپاقى> قوراللىق توپىلاڭ قوزغاپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ پىلانلىشى، قۇترىتىشى ئارقىسىدا، غەربىي ياۋا (1948 - 1962)، سۇلاۋېسى (9501 - 1965)، شىمالىي سۇماتېرا (1953 - 1961) قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم قوراللىق توپىلاڭ پەيدا بولدى ھەمدە بىر مەھەل يەرلىك ھاكىمىيەتلەر قۇرۇلدى. توپىلاڭ بولغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى قوراللىق قوشۇن ئەۋەتىپ توپىلاڭنى تىنجىتتى. ھىندونېزىيىدىكى مۇھىم سىياسىي پارتىيىلەر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىنى ئەيىبلىدى. توپىلاڭچى قوشۇن تاغلارغا بېرىۋېلىپ، ئاغدۇرمىچىلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن توپىلاڭچى قوشۇن 1957 - يىلى 3 - ئايدا ئاتىسېختا ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ھاسىل قىلدى. ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1959 - يىل 5 - ئايدا ئاتسېخنى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون قىلىپ، ئاتسېخنىڭ دىنىي ئېتىقاد، تەربىيە ۋە ئادەت ئۇسۇلىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ كىچىك كۆلەمدىكى توپىلاڭچىلار بولۇپ تۇردى. 1961 - يىلى تولۇق تىنچىتىلدى.