Uyghur主要词典
ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق بىرلەشكەن تەشكىلى بولۇپ، 1769 - يىلى ماراكەشنىڭ پايتەختى راباتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇش قارار قىلىنىپ، 1971 - يىلى 5 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلدى. 50 ئەزا دۆلىتى بار. ئۇلار: ئالجىرىيە، ئافغانىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، يەمەن، ئومان، مىسىر، پەلەستىن، پاكىستان، بەھرەين، بېنىن، بۇركىنا - فاسو، گامبىيە، جىبۇتى، گۋىنېئا، گۋىنىيە - بىسسائۇ، كاپىن، كامىرون، قاتار، كومورو، كۇۋەيت، لىۋان، لىبېرىيە، مالدىۋى، مالايشىيا، مالى، ماۋرىتانىيە، بېنگال، ماراكەش، نىگېر، نىگېرىيە، سېررالېئون، سېنېگال، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۇدان، سۇمالى، تۇنىس، تۈركىيە، برۇنېي، ئوگاندا، سۈرىيە، ئىراق، ئىران، ھىندونېزىيە، ئىئوردانىيە، چاد، غەربىي سەھرا، ئەزەربەيجان، تۈركىمەنىستان، قىرغىزىستان، ئالبانىيىدىن ئىبارەت. تەشكىلىي ئاپپارات تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى: ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، قەرەلسىز ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. (2) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى: ھەر يىلى بىر ئەزا دۆلەتتە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. (3) دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددەھ شەھىرىدە تەسىس قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى، ئېرۇسالىم كومىتېتى، ئافغانىستان مەسىلىسى ئىسلام تىنچلىق كومىتېتى، ئىسلام سوتى، ئىسلام تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ۋە ئىسلام تەرەققىيات سودا دائىمىي كومىتېتى تەسىس قىلىندى. مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش؛ ئىرقى ئايرىمچىلىق ۋە ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگىتىش، ھەممە شەكىلدىكى مۇستەملىكچىلىككە قارشى تۇرۇش؛ پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇرتىغا قايتىش كۈرىشىگە ياردەم بېرىش؛ ھەممە مۇسۇلمان خەلقىلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى، مۇستەقىللىقىنى ۋە مىللىي ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە مەدەت بېرىشتىن ئىبارەت. 1969 - يىلى ماراكەشتىكى راباتتا، 1974 - يىلى پاكىستاندىكى لاھۇردا، 1981 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەككە ۋە تائىفدا، 1984 - يىلى ماراكەشتىكى كاسابلانكىدا، 1987 - يىلى كۇۋەيتتە بولۇپ، جەمئىي بەش قېتىم ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى. 1986 - يىلى 6 - ئايغىچە 16 قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاچتى.