Uyghur主要词典
ئىسلامىيەت دىنىي ئىدىيىسىنىڭ قايتا تۇرغۇزۇلۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، ئۇنى پاكىستانلىق مۇھەممەد ئىقبال يازغان. ئەسەر مۇئەللىپنىڭ 1928 -، 1929 - يىللىرى ھىندىستاندىكى ھەيدەرئاباد ئالىكاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە سۆزلىگەن ئالتە قېتىملىق نۇتۇقلىرىنىڭ توپلىمىدىن ئىبارەت. مەزمۇنى دىندىن تارتىپ سىياسىيغىچە، تارىختىن تارتىپ رېئاللىققىچە بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۈملىدىن ئىنساننىڭ <چۈشكۈنلىشىشى>، شەخسنىڭ ئەركىنلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھازىرقى زامان ئىسلام دىنىنىڭ ئىجمائ پرىنسىپى؛ ئىسلام دىنىنىڭ <ھەرىكەت> توغرىسىدىكى قارىشى ۋە تۈركىيىنىڭ مۇدېرنىزمى، خەلىپە تۈزۈمى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. مۇئەللىپ ھەر قېتىملىق نۇتقىدا ئەنئەنىۋى ئىسلام ئىلاھشۇناسلىقى بىلەن غەرب پەلسەپىسى ۋە ھازىرقى زامان ئىلمى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ياراشتۇرۇشقا تىرىشتى. ئىسلامىيەت روھىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا مۇسۇلمانلارنىڭ <تەشەببۇسكارلىق> نى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنى ئىدىيىسىنى قايتا تۇرغۇزۇشنى ئۈمىد قىلدى. بۇ ئەسەر ئىسلام دۇنياسىدا مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلدى.