Uyghur主要词典
ئەنگلىيە تارىخى
دۇنيا تارىخى
كىتاب نامى. (1) ئەنگىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس داۋىديۇم يازغان ئەسەر. ئەسەر جەمئىي ئالتە توم بولۇپ، ئالدى بىلەن يېقىنقى زاماندىن يېزىلپ، ئاندىن قەدىمكى زامان يېزىلغان، توم بويىچە كىتاب قىلىپ چىققان بولۇپ، 1754-يىلىدىن 1762-يىلغىچە ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىنغان. كىتابتا مىلادىدىن 55 ۋە 54 يىل ئىلگىرى قەدىمكى رىم باش قوماندانى كائېسار برىتانىيىگە ئىككى قېتىم بېسىپ كىرگەن ۋاقىتتىن 1688-يىلدىكى <شەرەپلىك ئىنقىلاب> قىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. ⅩⅧ ئەسىردە دۇنياغا كەلگەن ئەڭ مۇكەممەل ئەنگلىيە ئومۇمىي تارىخى بولۇپ، ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. لېكىن ئاپتور تورى پارتىيىسى مەيدانىدا تۇرۇپ، ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا ھۇجۇم قىلغان، دەلىل كەلتۈرگەن ماتېرىيالدىمۇ خاتالىق بەك كۆپ بولۇپ، تارىخىي ماتېرىيال قىممىتى يۇقىرى ئەمەس. (2) تولۇق ئاتىلىشى <جامېس Ⅱ نىڭ تەختكە چىقىشىدىن ۋىلگېلم Ⅲ نىڭ ۋاپاتقىچە بولغان دەۋردىكى ئەنگلىيە تارىخى>. ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس ماكولاي يازغان ئەسەر. جەمئىي بەش توم. 1849-يىلدىن1861-يىلغىچە ئىلگىرى - كېيىن نەشر قىلىنغان. ئەسەردە ئەنگلىيە تارىخى ئۈستىدە قىسقىچە ئەسلەتمە بەرگەندىن كېيىن، 1685 - يىلدىن 1702-يىلىغىچە بولغان ئەنگلىيە تارىخىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، جامېس Ⅱ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيەت، 1688-يىلىدىكى <شەرەپلىك ئىنقىلاب>، ۋىلگېلم Ⅲ ئەنگلىيىگە كىرىشى قاتارلىق زور ۋەقەلەرنى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن. ئاپتور خويگلارنىڭ كۆز قارىشىدا تۇرۇپ، تارىخىي پاكىتنى بۇرمىلاشنى ئۆزىنىڭ سىياسىي قارىشىنىڭ دەسمايىسى قىلغان. ماركس <كاپىتال> دا: ماكولاي خويگلار ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى ئاقلاش يولىدا ئەنگلىيە تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا ئۇستا، دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن بۇ كىتابنىڭ ئۇسلۇبى جانلىق بولۇپ كىشىنى قاتتىق مەپتۇن قىلىدۇ، ماكولاينىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ، دەپ تەبىر بەرگەن.