Uyghur主要词典
ئەنگلىيە روسىيە كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە بىلەن روسىيە ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىش ئۈچۈن ئىمزالىغان كېلىشىم. 1907-يىلى 8-ئايدا پېتىربۇرگتا ئىمزالانغان. ئۇ ئىران، ئافغانىستان ۋە جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونى توغرىسىدىكى ئۈچ كېلىشىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1) ئىران توغرىسىدىكى كېلىشىم. ئۇنىڭدا ئىراننىڭ جەنۇبىي قىسمى ئەنگلىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى بولىدۇ، شىمالىي قىسمى روسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى بولىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىتەرەپ رايون بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئېچىپ بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. (2) ئافغانىستان توغرىسىدىكى كېلىشىم. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: روسىيە ئەنگلىيىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئىمتىيازىنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئىككى دۆلەتنىڭ سودىگەرلىرى ئافغانىستاندا باپباراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش. (3) جۇڭگونىڭ شىزاڭ ئۆلكىسى توغرىىدىكى كېلىشىم ئىككى تەرەپ شىزاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، شىزاڭ بىلەن ئالاقە قىلغاندا جەزمەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئارقىلىق بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ ئەنگلىيە بىلەن روسىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۈچلۈك دۈشمەن گېرمانىيىگە ئورتاق قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن سۈلھ ئىدى. بۇ كېلىشىم ۋە 1893-يىلقى <روسىيە - فرانسىيە ئىتتىپاقى>، 1904-يىلقى <ئەنگلىيە - فرانسىيە ئىتىتپاقى>، 4190-يىلقى <ئەنگلىيە - فرانسىيە كېلىشىمى> ئارقىلىق ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە ئۈچ دۆلەت ئانتانتىسى شەكىللەندى. بۇ تا بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاندىن بىكار قىلىندى.