Uyghur主要词典
ئەنگلىيە بۇك رومان مۇكاپاتى
领域: دۇنيادىكى مۇكاپاتلاربۇ، ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي ئەدىبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يىللىق مۇكاپات بولۇپ،1975 - يىلى بۇك ماككوننېل ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ياردىمى بىلەن تەسىس قىلىنغان، ئەنگلىيە مەملىكەتلىك كۇتۇپخانا ئىلمىي جەمئىيىتى تارقىتىدۇ، شۇ يىلى ئېلان قىلىنغان ئەڭ نادىر رومان مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپاتلىنىدىغانلار ئىنگلاند، ئېرىلاندىيە، ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا رايونىدىكى يازغۇچىلار بىلەن چەكلىنىدۇ. نەشرىيات سودىگەرلىرى شۇ يىلى (1 - ئايدىن11 - ئايغىچە نەشر قىلىنغان رومانلاردىن بىر تۈركۈمىنى تاللاپ، كىتاب تىزىملىكىنى كومىتېتقا سۇنىدۇ) كومىتېت مۇكاپاتلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ زور بەزى ئەسەرلەرنىڭ نامىنى ئېلان قىلىدۇ، قاتتىق تاللاشتىن كېيىن11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، بۇ مۇكاپاتنىڭ سوممىسى دەسلەپتە5 مىڭ فوندستېرلىڭ ئىدى،1978 - يىلىدىن باشلاپ10 مىڭ فوندستېرلىڭغا كۆتۈرۈلدى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。