Uyghur主要词典
ئەنگلىيە پېرسىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
8561 - 1857 - يىللىرى ئەنگلىيە ئىران (قەدىمدە پېرسىيە دەپ ئاتىلاتتى) غا تاجاۋۇز قىلغان ئۇرۇش. ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ ئافغانىستاننى تەنھا بېسىۋېلىش قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 1853-يىلى ئىران بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ئىراننى ئافغانىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان زېمىن ھراننى قوراللىق بويسۇندۇرۇش قەستىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. 1856-يىلى ئىران ئەسكەر چىقىرىپ ھېراننى ئىشغال قىلغان، 11-ئايدا ئەنگلىيە بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئىرانغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان ھەمدە پارىس قولتۇقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، 12-ئايدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خارگ ئارىلى، بۇشىر پورتىنى ئىشغال قىلغان. ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا ئەھۋاز شەھىرىنى بېسىۋالغان. ئىران ئارمىيىسى قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەچكە ۋە ھىندىستان مىللىي چوڭ قوزغىلىڭى پارتلاش ئالدىدا تۇرغاچقا، ئەنگلىيە1857-يىلى 3-ئايدا ئىران بىلەن <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىران ئارمىيىسى ھېرات ۋە ئافغانىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىن چېكىنىپ چىققان؛ ئىران ھېرات ۋە ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ھېراتقا بولغان بارلىق تەلىپىدىن ۋاز كەچكەن؛ ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىراندىن چېكىنىپ چىققان.