Uyghur主要词典
ئەنگلىيەبىرما مۇداپىئە كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە بىلەن بىرما ئىمزالىغان ھەربىي كېلىشىم. 1947-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى رانگۇندا ئىمزالانغان. ئۇ شۇ يىلى 10-ئايدا ئىمزالانغان <ئەنگلىيە - بىرما شەرتنامىسى>نىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كېڭىشىمدە ئەنگلىيە بىرمىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېزلىكتە بىرمىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، لېكىن زۆرۈر تېپىلغاندا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ھەرقاچان بىرمىغا كىرىپ ئۇنىڭ پورت ۋە ئايرودروملىرىدىن پايدىلىنىدۇ؛ ئەنگلىيە دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ بىرمىدا تۇرغۇزۇپ، بىرمىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى قۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ؛بىرما ئەنگلىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىدىن باشقا ھەرقانداق ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ؛ كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەلگىلەنگەن. شۇنداق قىلىپ، ئەنگلىيە بىرمىغا بولغان ھەربي كونتروللۇقىنى ساقلاپ قالغان. بىرما ھۆكۈمىتى 1953-يىل 1-ئايدا كېلىشىمنى بىكار قىلىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان.