Uyghur主要词典
ئەنگلىيە جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅧئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە قۇرۇلغان. ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى. 1649-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى كرومۋېل باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابچىلىرى خەلقنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا چارلېس Ⅰ گە ئۆلۈم جازاسى بەرگەندىن كېيىن ئايرىم - ئايرىم قانۇن ماقۇللاپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ۋە يۇقىرى پالاتانى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى پارلامېنت رەسمىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇش قانۇنىنى ماقۇللىغان جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە مەمۇرىي ھوقۇق دۆلەت مەجلىسىگە مەنسۇپ بولغان، ئۇ پارلامېنت تەيىنلىگەن 41 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولغان، ئارمىيىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تاشقى سىياسەتنى ئىجرا قىلىپ، پارلامېنتنىڭ قارارىنى يولغا قويغان. يۇقىرى پالاتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، پارلامېتتن ئالىي قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ئەمەلىي باشلىقى كرومۋېل. بۇ مەزگىلدە شوتلاندىيە پادىشاھپەرەسلەر توپىلىڭى تىنچلىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باراۋەرچىلەر ۋە يەر قازغۇچىلار قوزغىلىڭىمۇ باستۇرۇلغان. تاشقى جەھەتتە ئىرلاندىيە بويسۇندۇرۇلغان ھەمدە گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. 1653-ئايدا ھەربىي مۇستەبىتلىك دۆلەتنى ھىمايە قىلىش ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ھەمدە ئۆزى دۆلەت ھامىيىسى بولغان. جۇمھۇرىيەت شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان.