Uyghur主要词典
ئەنگلىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئىتتىپاق شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلىشىپ گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىككى تەرەپ كېلىشىمى. 1941-يىل 12-ئاينىڭ 16 - 17 - كۈنلىرى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېدېن موسكۋاغا بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. گىتلېر گېرمانىيىسىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلىش ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىن تىنچ تۈزۈم ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بەرپا قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان. 1942-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى لوندوندا ئىمزا قويۇلغان. كېلىشىمدە ئىككى تەرەپتە گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتىتپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇش قىىلشتا ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؛ ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقسىز ئوچۇق تاجاۋۇزچىلىق غەرىزى بولغان ھەرقانداق گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەگەن ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈستىدە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. شەرتنامىنىڭ مۇددىتى 20 يىل قىلىنغان. بۇ ئەنگلىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، خەلقئارا فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملىگەن.