Uyghur主要词典
ئەن جوڭگېن
دۇنيا تارىخى
(1879 - 1910) چاۋشىينلى ۋەتەنپەرۋەر زات. خۇاڭخەيدۇ ۋىلايىتى خىيجۇ ئايمىقدىن. ئەركىلەتمە ئىسمى يىنچى. ياش ۋاقىتىدىلا ۋەتەننىڭ قايتا گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان. 1905-يىلى <ياپونىيە - كورىيە ھامىيلىق شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ يەنتەي، ۋېيخەي، جياۋجۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىغا بېرىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى ئەھۋاللار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. يولداشلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ چارە - تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئىككىنچى يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ پيوڭئان نامۇ ۋىلايىتى نامپودا ھەققانىيەتچىلەر مەكتىپى ئېچىپ خادىم تەربىيىلىگەن. 1907-يىلى ئىتۆخىروبۇمى چاۋشيەن پادىشاھىنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغاندا كاڭۋۇندۇ ۋىلايىتىدە ياپونغا قارشى پىدائىيلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي ۋىلاژىۋىستوكقا بارغان ھەمدە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ئۆلكىلىرى ئەتراپىغا كېلىپ - كېتىپ يۈرۈپ، شۇ يەرلىك چاۋشىيەنلىكلەر ئىچىدە ياپونغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش تەشۋىقات - تەشكىللەش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭدەك يۇدېگو قاتارلىق 12 نەپەر يولداشلىرى بىلەن قانلىق ئىتتىپاق تۈزگەن. ئۇلارنى يادرو قىلغان ھالدا 300 كىشىلىك ياپونغا قارشى مۇستەقىللىك ئارمىيىسى تەشكىللىگەن.1909-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو خاربىن پويىز ئىستانسىسىدا ئىتۆخىروبۇمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن مەردلەرچە قۇربان بولغان.