Uyghur主要词典
ئەنتۇ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ خۇفىيە تارمىقىغا مەنسۇپ سۈلۈك بولۇپ، گەنسۇنىڭ لىنشا داخېجا ئەنتۇپىڭدىكى ئابدۇللا فەنتاخ (خۇئاخۇن، 1865 - 1938) قۇرغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. خۇئاخۇن ۋېنچۇەن خانىقاسىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد شاگىرتى بولۇپ، خۇفىيە ۋە قادىرىيە ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغان. دىنىي قائىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پەرز، سۈننەتلەرگە خىلاپلىق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. شەرىئەت بىلەن تەرىقەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاۋۋال شەرىئەت، ئاندىن تەرىقەت بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، شەرىئەتنى تاشلاپ قويۇپ، تەرىقەت بىلەن بولۇپ كېتىشكە قارشى تۇرغان. بۇ سۈلۈك ئاساسلىقى چىڭخەي (مېنخې، شۇنخۇا)، گەنسۇ (لىنشادىكى ناھىيىلەر) دىكى سالار، خۇيزۇ ۋە باۋئەن مىللەتلىرى ئىچىگە تارقالغان.