Uyghur主要词典
ئەن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ماللارغا سېلىنغان بەلگە، تامغا.
ئەن سالماق. * ئەمەت ئېنىگە قاراپ ماللىرىنى تونۇۋالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
خاتىرە دەپتەر، تىزىم دەپتىرى.
ئەنگە ئالماق، ئۇنىڭ ئېتى ئەندە بار ئىكەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
رەخت ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ كەڭلىكى؛ توغرىسى. ئانتونىمى: ئۇزۇن.
بۇ رەختنىڭ ئېنى كەڭ ئىكەن. * خەپ، بۇنىڭدا ئۇزىنىدىنمۇ، ئېنىدىنمۇ زىيان تارتتىم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
كىيىم ۋە باشقا نەرسە ئۈچۈن تېخى ئۆلچەپ، كېسىلمىگەن، پارچىلانمىغان.
ئەن رەخت. * ئەن دۇخاۋا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ناخشا (كونىرىغان سۆز) .
ئەن سالماق. * «مۇقام» سۆزى «چوڭ» مەنىسىدىكى «مۇخ» بىلەن «ناخشا» مەنىسىدىكى «ئەن» دىن تۈزۈلگەن، مۇقام «چوڭ ئەن» دېمەكتۇر، دېگەن سۆزنى ئاڭلىدىم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<دىن، تىن> دېگەن چىقىش كېلىش ئورنىدا كېلىدۇ: ئەن ئەسىل - ئەسلىدىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەخت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ توغرىسى.
ئېنى كەڭ خەسە كىرلىككە ئەپلىك. كەڭلىكى چوڭ بولسا، ئۇزۇننىڭ ئۆلچىمى قىسقىرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئايرىمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىزنا.
« ئىز » بىرەر نەرسىدىن چۈشىدۇ.
« تامغا »، « ئەن » لەر كۆپرەك مالغا سېلىنىدۇ.
يېزىق تىلىنى خاتىرلەيدىغان بەلگىلەر سىستېمىسدۇر. سۈكۈت _ رازىلىقنىڭ ئالامىتى. ماڭغان يولدا ئىز قالىدۇ، كۆيگەن ئوتتا كۈل. ئەنگە قاراپ مېلىنى تونۇيدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەممىگە سىنپىي تامغا بېسىلغان بولىدۇ. مالنى تامغىسىدىن ئايرى، ئادەمنى سۆزىدىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تونۇۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاق ياكى يوتىسىغا سېلىنغان بەلگە، نىشان.
ئەن سالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئى. رەخت ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ كەڭلىكى؛ توغرىسى.
ئېنى كەڭ رەخت، رەختنىڭ ئېنى.
سۈپ. كىيىم ۋە باشقا نەرسە ئۈچۈن تېخى ئۆلچەپ كېسىلمىگەن؛ پارچىلانمىغان.
ئەن رەخت. ئەن ياغاچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سۇ ئىتتىك، راۋان ئاقىدىغان، چوڭقۇر.
سۈيى ئەن. ئەن ئېرىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆزلەشكەن، كۆنگەن، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق؛ مۇنبەت.
ئەن يەر. يېرى ئەن جاي.