Uyghur主要词典
ئەنگلىيە جەنۇبىي ئافرىقا شىركىتى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا مۇستەملىكىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئېرىشنى يولغا قويۇش ئورگىنى. 1889-يىلى رودېس تەسىس قىلغان. شىركەت ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە يول قويۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بېسىۋالغان زېمىنلارنى كونترول قىلىش ۋە باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت تەشكىللەش، ھەربىي قوشۇن قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1900-يىلى جەنۇبىي رودېزىيە (ھازىرقى زىمبابۇۋې) ۋە شىمالىي رودېزىيە (ھازىرقى زامبىيە) دىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، يەر ۋە كان بايلىقىنى تارتىۋالغان. 1923-يىلى ۋە 1924-يىلى جەنۇبىي ۋەشىمالىي رودېزىيە <ئاپتونوم ھۆكۈمىتى> قۇرۇلۇپ، شىركەتنىڭ مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقانلىقى جاكارلانغان. لېكىن سودا مەبلىغى ساقلاپ قېلىنغان. ئاپتونوم ھۆكۈمەت جەنۇبىي رودېزىيىنىڭ كان ھوقۇقى ۋە تۆمۈريولىنى 1933- ۋە 1947-يىلى قولغا كەلتۈرگەن. زامبىيە مۇستەقىل بولۇشنىڭ ھارپىسىدا، شىمالىي رودېزېيىنىڭ مال - مۈلكىدىن 40 مىليون فوندىستېرلىڭنى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1965-يىلى شىركەت ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان.