Uyghur主要词典
لىنشيادىكى چوڭ گۈمبەز
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ قەدىمىيە سۈلۈكىنىڭ گۈمبىزى بولۇپ، گەنسۇدىكى لىنشيانىڭ غەربىدە. 1720 _ يىلى سېلىنغان. كېيىن خانىقا، مەسچىت، ئۆي، باغ، خەنزۇچە _ ئەرەبچە مەكتەپ بىنا قىلىنغان. 1744 _ ۋە 1758 _يىللىرى چى جىڭيىنىڭ شاگىرتى مارخىڭ، ماتىڭيىلارنىڭ قەبرىسىمۇ گۈمبەز يېنىغا ياسالغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 10 مودىن يەر بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن گۈمبەز مەركەز قىلىنغان ئىمارەتلەر شەكىللەندۈرۈلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 80 مو دىن ئېشىپ كەتكەن. 1928 _ يىلى ئىمارەتلەر ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. 1932 _ يىلىدىن ئېتىبارەن تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشلانغان بولسىمۇ، كۆلىمى بۇرۇنقىغا يەتمىگەن. ئاساسىي قۇرۇلۇش چى جىڭيىنىڭ قەبرىگاھىدىن تەركىب تاپقان. ئىستىقامەت ئۆيى، دەرىسخانا، مەسچىت، مۇستەھەپخانا قاتارلىقلار تولۇق تەييارلانغان. بۇ گۈمبەز داگۇڭبېي سۈلۈكى دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئاساسىي سورۇن بولغان.