Uyghur主要词典
لى ھاۋرې پروگراممىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىەي ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى. 1880 - يىلى لې ھاۋرې قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1880 - يىلى 5 - ئايدا، ماركسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گېد بىلەن لافارگ بىرلىكتە ئىشچىلار پارتىيىسى پروگراممىسىنى تەييارلىغان. ماركس پروگراممىسىنىڭ نەزەرىيە قىسمىنى ئېغىزدا ئېيتىپ بەرگەن ھەمدە پروگراممىنىڭ ئەمەلىيەت قىسمىنى تۈزۈش ئىشىغا قاتناشقان. 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى گېد ئۇنى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان <باراۋەرلىك> گېزىتىدە ئېلان قىلغان، ئۇنىڭغا <سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنىڭ سايلام رىقابىتى پروگراممىسى> دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. 11 - ئايدا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ لى ھاۋرې قۇرۇلتىيدا ماقۇللانغان. پروگراممىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى <كاپىتالىستلار سىنىپىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىم مەھرۇم قىلىش ھەمدە پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى كوللىكتىپاق ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت> دەپ كۆرسىتىلگەن. پروگراممىنىڭ سىياسىي قىسمىدا <مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان بارلىق قانۇنلارنى بىكار قىلش>، <ئىشچىلار قوللانمىسىنى، بارلىق قانۇنلارنى بىكار قىلىش>، <ئىشچىلار قوللانمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش>، <دائىمىي ئارمىيىنى بىكار قىلىپ، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوراللىنىشنى بەرپا قىلىش> ئوتتۇرغا قويۇلغان. پروگراممىنىڭ ئىقتىسادىي قىسمىدا ھەپتىدە ئالتە كۈن ئىشلەش، بىر كۈن دەم ئېلىش سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ بالا ئىشچىلارنى مەنئىي قىلىش، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنى بەلگىلەش ۋە ئەر - ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىش؛ قېرى ۋە مېيىپ ئىشچىلارغا نەپىقە بېرىش؛ بارلىق ۋاستىلىك باجنى بىكار قىلىش، بىۋاستە باجنى كىرىمى 3 مىڭ فرانىكتىن ئېشىپ كەتسە دارامەتكە قاراپ ئېشىپ باردىغان باج ئېلشقا ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان. پروگرامما ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس سالغان.