Uyghur主要词典
لىنشيا شەھىرىدىكى بافاڭ نەنگۇەن جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا شەھىرىدىكى نەنگۇەن مەيدانىنىڭ جەنۇبىدا. بۇ مەسچىت يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى سېلىنغان. 1368 _ يىلىدىن 1395 _ يىلىغىچە كېڭەيتىلگەن. كېيىن ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. 1736 _ يىلىدىن 1795 _ يىلغىچە قايتا سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6 مىڭ 530 كۋادرات مېتىر. خانىقانىڭ كۆلىمى 2 مىڭ 160 كۋادرات مېتىر. مەسچىت ئالدىدا يېشىل ئۈچ مۇنار بار. ئوتتۇرىدىكى مۇنار ھەم پەشتاق، ھەم مىئزەنە بولۇپ، ئېگىزلىكى 32 مېترغا يېتىدۇ.