Uyghur主要词典
لىنشىيا شەھىرىدىكى بافاڭ كونا خۇاسى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا شەھىرىدىكى بافاڭنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدە. بۇ مەسچىت 1368 _ يىلدىن1398 _ يىلغىچە سېلىنغان. بۇرۇنقى كۆلىمى چوڭ بولمىغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، 1662 _ يىلىدىن 1722 _ يىلغىچە مالەنشىڭ ئىئانە بېرىپ گۈللۈك ياسىتىپ مەسچىت ھويلىسىنى چوڭلاتقان. شۇنىڭ بىلەن « خۇۋاسى » ( گۈللۈك مەسچىت ) دەپ ئاتالغان. كېيىن « كونا خۇاسى مەسچىت» دېيىلگەن. 1862 _ يىلىدىن 1874 _ يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مەسچىتكە ئوت كەتكەندىن كېيىن قايتا سېلىنغان. 1928 _ يىلى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. 1930 _ يىلى قايتا سېلىنغان. 1968 _ يىلى بۇزۇۋېتىلىپ، 1979 _ يىلى قايتا سېلىندى.