Uyghur主要词典
لىنگۇيدىكى ليۇتاڭ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ لىنگۇي ناھىيىسىدىكى ليۇتاڭ بازىرىنىڭ شىشۈي كوچىسىدا. بۇ مەسچىت 1662 - يىلىدىن 1795 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان. ئىمارەت قۇرۇلۇشىدا ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ گۇاڭشىدا ھازىرغىچە ساقلانغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ھۈنەر - سەنئىتى ئەڭ ياخشى ئىشلەنگەن مەسچىت بولۇپ، ئەسلىي قىياپىتى ئاساسەن زىيانغا ئۇچرىمىغان.