Uyghur主要词典
لىنىيە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىدىيە، سىياسىي ۋە خىزمەت جەھەتتە ئەمەل قىلىنىدىغان يول.
ئاساسىي لۇشىيەن تەربىيىسى چوڭ ئۈنۈم بەردى. پارتىيىمىزنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت. خىزمىتىمىزدە ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ئېلېكتر ئېقىمى، سۇيۇقلۇق، پار، قاتناش ۋاستىلىرى شۇنىڭدەك ھەرىكەتچان جىسىملار بېسىپ ئۆتىدىغان يول؛ سىم.
لىنىيە بېسىمى. لىنىيە توكى. قاتناش لىنىيىسى.
لىنىيە چەينەكلىرىنىڭ ھەممىسى قويماي چېقىلىپ كەتتى.
سىزىق؛ رەت، سەپ.
ئاپتوموبىللار لىنىيىسى. تانكا لىنىيىسى.
يۆنىلىش؛ تەرەپ.
ئەتىسى تۈن يېرىمىدىن ئاۋۋال زەربىدارلار ئىككى لىنىيە بويىچە دۈشمەن ئىستىھكامىغا تېگىش قىلدى.
دۈشمەن ياكى قارشى تەرەپكە يېقىن جايدىكى مۇداپىئە ياكى ئوت ئېچىش نۇقتىلىرىدىن تەركىب تاپقان سىستېما.
ئالدىنقى لىنىيە. مۇداپىئە لىنىيىسى. دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى. ئوت* ياپون <پادىشاھ ئەسكەرلىرى> نى باسقان زور سوقۇش پاراخوتى ئۇلۇغ ئوكيان فرونتىنىڭ ئالدىنقى لىنىيىلىرىگە قاراپ كېتىپ باراتتى.