Uyghur主要词典
لىنكولن
مەشھۇر شەخسلەر
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك لىنكولن خاتىرە سارىيىدا ئېكىسكۇرسىيىچىلەر لىنكولننىڭ ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئامېرىكا خەلقى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ زاتنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ تۇرىدۇ.
لىنكولن (1809 −1865 - يىللار) بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، تېرىسى قارامتۇل، قورايدەك ئورۇق بولسىمۇ، لېكىن قەلبى ۋولقاندەك يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ بوز يەر ئېچىش ئەمگىكىگە قاتناشقان، كېيىن ياللانما دېھقان، كېمىچى، پرىكازچىك بولغان. ئۇ ھەتتا بىر يىلمۇ تولۇق ئوقۇيالمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزلۈكىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، مول بىلىم توپلىغان. جاپالىق تۇرمۇش ئۇنىڭدا قەيسەر ئىرادە ۋە دۇرۇس، پاك پەزىلەت يېتىلدۈرگەن، دۇكاندا پرىكازچىكلىق قىلغان مەزگىلدە، خېرىدارلار ئارتۇق بېرىۋەتكەن نەچچە تىيىن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، نەچچە چاقىرىم يول يۈرۈشكە رازى ئىدى. ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا ياشىغاچقا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ دەرد - ھالىنى چۈشىنەتتى، نېگىر قۇللارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇ سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەن،1860 - يىلى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
ئەينى چاغدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تەكشىسىز ئىدى. شىمالدا سانائەت ئاساس قىلىنغان بولۇپ، كاپىتالىزم تەرەققىي قىلغانىدى؛ جەنۇبتا بولسا يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئېكىنزارلىقلاردا نېگىر قۇللار ئىشلەيتتى.1861 - يىلى، لىنكولننىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن تەڭلا، جەنۇبتىكى قۇللار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئاممىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، لىنكولن «نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، نېگىر قۇللارنى ئازادلىققا چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەرگەن. بۇ تەدبىرلەر ئاممىنىڭ ئىنقىلاب قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، ئۇلار ئاخىر جەنۇبتىكى قۇلدارلارنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان. بۇنىڭ بىلەن، لىنكولننىڭ ئىناۋىتىمۇ بارغانسېرى ئۆسۈپ،1864 - يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان.
ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ بەش كۈندىن كېيىن، يەنى1865 - يىل4 - ئاينىڭ14 - كۈنى، لىنكولن تىياتىرخانىغا ئويۇن كۆرگىلى بېرىپ، تىياتىرخانىدىكى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما، جەنۇبتىكى قۇلدارلار ياللىۋالغان بىر قاتىل تىياتىرخانىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لىنكولننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. لىنكولننىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانى قاتتىق چۆچۈتكەن.
دۇنيا تارىخى
(1809 - 1865) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1861 - 1865). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. كېنتۇككى شتاتىدا تۇغۇلغان. دېھقان، دۇكان خىزمەتچىسى، پوچتا خادىمى، يەر ئۆلچەش خادىمى بولغان. 1836 - يىلى ئادۋوكات بولغان. 1834 - 1842 - يىللىرى ئىللىنويىس شتات پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1838 - يىلى قۇللۇق تۈزۈمگە ئاشكارا قارشى تۇرۇپ شتات پارلامېنتىدىكى خويگلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى بولغان. 1847 - 1849 - يىللىرى پارلامېنت ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. خويگلار پارتىيىسىنىڭ باش ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان. 1856 - يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. قۇللۇق تۈزۈمگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تەرەققىيپەرۋەر خەلقنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. 1860 - يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، جەنۇبتىكى قۇلدارلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋەزىيەت شىمالغا پايدىسىز بولغان. 1862 - يىلى ئۇ بىر قاتار ئىنقىلابىي تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. 5 - ئايدا <يەر - جاي قانۇنى>نى ئېلان قىلىپ، گراژدانلار ئون ئامېرىكا دوللىرى تىزىملاش ھەققى تاپشۇرسا، غەربىي قىسىمدىن 160 ئىنگلىز موسى كېلىدىغان يەرگە ئىگە بولىدۇ، بەش يىل تېرىلغاندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئىگىسى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 9 - ئايدا <ئازادلىق خىتابنامىسى> ئېلان قىلىپ، جەنۇبتىكى نېگىر قۇللار ئەركىن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ، ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قاتناشسا بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئىككىنچى يىلى < خەلق ئىلكىدە بولۇش خەلق باشقۇرۇش، خەلق بەھرىمەن بولۇش> تىن ئىبارەت پروگرامما خاراكتىرلىك شۇئارنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغان. 1865 - يىلى ئاپرېلدا جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. لېكىن 15 - ئاپرېل كۈنى بوئوت (1838 - 1865) تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ماركس ئۇنى قەھرىمان دەپ ئاتاپ، ئۇنى ۋاشىنگتون بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان.