Uyghur主要词典
لىنتيەن شىداۋتاڭ خانىقاسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى شىداۋتاڭ مەزھىپىنىڭ باش خانىقاسى ۋە پائالىيەت مەركىزى بولۇپ، ئورنى گەنسۇ لىنتيەندىكى كونا شەھەرنىڭ شىفېڭ تېغىدا. بۇ خانىقا 1890 _ يىلى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن. بىر نەچچە قېتىم كېڭەيتىلىش ئارقىلىق 1926 _ يىلى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. كېيىن خانىقاغا ئوت كەتكەن. ھازىرقى ئىمارەتلەر 1930 _ يىلدىن كېيىن سېلىنغان. ھەممە قۇرۇلۇش مەسىچت ۋە خانىقانى مەركەز قىلىپ سېلىنغان، مەسچىت، ئاخۇنۇملار ياتىقى، مېھمانخانا ۋە مەدرىسە، گۈمبەز قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاغ باغرىدا ئۈچ ئىمامنىڭ مەقبەرىسى بار. خانىقانىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، خانىقا، ئىشخانا بىناسى، ئولتۇراق رايونى، قىزلار مەكتىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئولتۇراق رايوندا دەرۋازا، مەيدان ۋە كوللېكتىپ ياتاق بىناسى بار.