Uyghur主要词典
لىنتاۋ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى تەسەۋۋۇپچى خۇفىيە ئېقىمىغا مەنسۇپ تارماق سۈلۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۈلۈكنى قۇرغان خۇيزۇ ما يۈيخۇەن گەنسۇ لىنتاۋلىق بولغاچقا، سۈلۈك لىنتاۋ سۈلۈكى دەپ ئاتالغان. بۇ سۈلۈك مۇفتى سۈلۈكىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ شەكىللەنگەن. ما جىڭخۇەن چوڭ ئوغۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇفتى سۈلۈكىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ئىماملىقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كاڭلېدا دىننى تەبلىغ قىلغان. ئۇنىڭ ئۇكىسى مايۈيخۇەن بىلىملىك ئاخۇن بولسمۇ، ئىمام بولالمىغاچقا، لىنشادىكى ۋاياۋتۇغا كۆچۈپ كەتكەن. كېيىن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ، خۇفىيە زاۋىيەسىنىڭ شەيخىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان، جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زاھىد بولۇپ، بىر تۈركۈم مۇرىد يېتىشتۈرگەن. ۋاپات بولغاندا لىنشادىكى شىچۇەن ۋاڭ جىياچاڭغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىزىنى باسىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، سۈلۈك خارابلىشىشقا يۈزلەنگەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ يىللىرى ئۇنىڭ نەۋرىسى ما يۇدې (1799 - 1868) لىنتاۋ سۈلۈكىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، مەككىگە بارغاندا خۇفىيە ئېقىمىنىڭ شەيخى ھەبىبۇللانى زىيارەت قىلىپ تەلىم ئالىدۇ. جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەبلىغات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مۇرىدلىرى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئېشىپ، سۈلۈك گۈللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن ئىككى ئىمام - مۇھەممەد زاھىد (1828 - 1890) ۋە شەمسىددىن (1850 - 1892) لار ھاجى بولسىمۇ، لېكىن بىلىم ۋە ئىستىدات جەھەتتە مايۇدېغا يەتمىگەنلىكتىن، بۇ سۈلۈك تەرەققىي قىلالمىغان. سۈلۈكنىڭ سەككىزىنچى ئەۋلاد ئىمامى ما چىڭجاڭ (1871 - 1952) ئىككى قېتىم مەككىگە بېرىپ، نەقىشبەندىيەنىڭ شەيخىدىن تەلىم ئالغان، جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، گەنسۇدىكى لىنشا، دۇڭشياڭ، گەننەن ۋە چىڭخەيدىكى شىنىڭ قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەردە ئىمام بولغاندا تەشەببۇسىنى تەڭ تەرغىب قىلىپ، سۈلۈكنى مۇستەھكەملىگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، بۇ سۈلۈك جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئىز باسار تەيىنلىمىگەن. شۇڭا بۇ سۆزلۈك 20 - ئەسىرنىڭ 50 يىللىرى خارابلىشىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. لىنتاۋ سۈلۈكىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى مۇفتى سۈلۈكىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغاندىن باشقا، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: (1) <چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش> نى بىردىنبىر ۋارىسلىق تۈزۈمى قىلمايدۇ. ئىماملىقنى شۇ جەمەت ئىچىدە قۇرئان بىلىمىگە ئىگە ئادەم ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە ئۇ ئادەم ھاجى بولۇشى لازىم. (2) ئىمام مۇرىدلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىمامغا يۈكۈنۈپ تازىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. (3) بەش پەرزنى ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. گۈمبەزنى تاۋاپ قىلىش بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلىشقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. كەبىنى تاۋاپ قىلىشنى پەرز، گۈمبەزنى تاۋاب قىلىشنى بىر خىل مۇراسىم دەپ قارايدۇ.