Uyghur主要词典
كلۇنيچىلەر ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە Ⅺ ئەسىرلەردىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتى، فرنسىيىدىكى كلونىي موناستىرىنى مەركەز قىلغانلىقتىنى شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەرددە رىم ۋاتىكانىنىڭ كۈچى ئاجىزلالپ بارغان، مىسسىئونېرلار چۈشكۈنلىشىپ، چېركاۋلار پەيدىنپەي <دەھرىيلىشىش> كە قاراپ ماڭغان. كلونىي موناستىرى بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان. فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، شىمالىي ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيىلەردىكى يۈزلىگەن موناستىر بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشقان ھەمدە كلونىي موناستىرنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، كلويىچىلەرنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمونى مۇنۇلار: مىسسىئونېرلارنىڭ چېركاۋلىرى مال - مۈلكىنى ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇق - ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەركىدۇنيالىقنى ئاساس قىلىپ، مىسسىئونېرلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلشى ۋە تۇرمۇش قۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىش؛ روھانىي ۋەزىپىنى ئېلىپ - بېرىشنى مەنئىي قىلىش؛ دەھرىي ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېپىسكوپ ۋە موناستىرلارنىڭ مۇدىرلىرىنى بەلگىلىشىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ، ھەرىكەتنىڭ مەشھۇر يولباشچىسى كلونىي موناستىرنىڭ موناخى ھلدېبراند (كېيىن پاپا بولغان، يەنى گرېگورىي Ⅶ) كلونيچىلار ھەرىكىت چېركاۋنىڭ كۈچلىرىنى، بولۇپمۇ پاپانىڭ كۈچىنى كۈچەيتكەن، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدا ئېپىسكوپنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى كېلىپ چىققان