Uyghur主要词典
كلېئوپاترا
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 69 - 30). قەدىمكى مىسىردىكى پتولېمىي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى ئايال پادىشاھى (مىلادىدىن 51 - 30 - يىللار ئىلگىرى) پادىشاھ پتولېمىي 12 - نىڭ قىزى. ئېيتىلىشچە، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ساھىبجامال ئىكەن. ئوبدان تەربىيە كۆرگەن بولوپ، مىسىرنىڭ يەرلىك تىلى ۋە باشقا كۆپ خىل تىلىدا سۆزلىشەلەيدىكەن، ھوقۇقپەرەس ئىكەن. ئاتىسى ئۆلگەندىن (مىلادىدىن 51 يىل ئىلگىرى) كېيىن تەختكە چىقىپ، ئىنىسى (ھەم يولدىشى) پتولمېىي 13 - بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئوردا ئىچىدىكى جېدەل - ماجىرادا بىر مەھەل تەختتىن ھەيدەلگەن. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى رىم باش قوماندانى كائېسار مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ قوللىغان. كائېسارنىڭ مىسىرغا قىلغان مۇداخىلىسى ئالېكساندرىيە (ئىسكەندىرىيە) خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان، جەڭدە پتولېمىي 13 - سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 44 - يىلى). كلېئوپاترا پادىشاھلىق تەختىنى تەنھا ئىگىلىۋالغان. كائېسار بىلەن ئاشنا ئويناپ بىر ئوغۇل تۇغقان ھەمدە كائېسار بىلەن رىمغا بارغان. كائېسار ئۆلتۈرۈلگەن (مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى)دىن كېيىن، مىسىرغا قايتىپ كەلگەن. مىلادىدىن 41 يىل ئىلگىرى ئانتونى (كائېسارنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى) بىلەن كېلىكىيە (كىچىك ئاسىيا)دا ئۇچرىشىپ، بىر -بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. كېيىن ئانتونى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان (مىلادىدىن 37 يىل ئىلگىرى). ئانتونى ئۆز ھوقۇقىغا تايىنىپ، ئوچۇقتىن - ئوچۇق رىمنىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم زېمىنىنى كلېئوپاترانىڭ ئوغلىغا ئىنئام قىلىپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. رىم سېناتى كلېئوپاتراغا (جۈملىدىن ئانتونىنى ۋەتەن دۈشمىنى دەپ جاكارلىغان) ئۇرۇش ئېلان قىلغان. مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى ئانتونى ۋە كلېئوپاترا دېڭىز فلوتىنى باشلاپ ئوكتاۋىئان (ئاۋگۇست) بىلەن ئاكسىئوم دېڭىز تۇمشۇقىدا (گرېتسىيىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا) ئۇرۇش قىلغان، جەڭ ئالدىدا كلېئوپاترا توساتتىن ئانتونىنى تاشلاپ قاچقان. ئانتونى مەغلۇپ بولۇپ مىسىرغىچە ئەگىشىپ كېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. كلېئوپاترا ئوكتاۋىئاننى ئۆزىگە رام قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئىشقا ئاشماي قالغان. ئوكتاۋىئان غەلىبە بىلەن رىمغا قايتقان. كلېئوپاترا ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان (ئېيتىلىشچە زەھەرلىك يىلانغا ئۆزىنى چاقتۇرۇپ ئۆلگەن). شۇنىڭ بىلەن پتولېمىي خاندانلىقى ئاياغلىشىپ، مىسىر رىمنىڭ تەۋەسىگە قوشۇۋېلىنغان. ئۇنىڭ رومانتىك تراگىدىيىسى كېيىنكىلەرنىڭ ئەدەبىي سۇژىتىغا ئايلانغان، بولۇپمۇ شىكسپېرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دراما ئەسەرلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.