Uyghur主要词典
كلېمېنسو
دۇنيا تارىخى
(1841 - 1929). فرانسىيە زۇڭلىسى (1906 - 1909، 1917 - 1920). پارىژدا مېدىتسىنادا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن تارتىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەرىكىتىگە قاتنىشپ كەلگەن. بىر مەھەل ئامېرىكىغا كەتكەن. فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ دوختۇرلۇق قىلغان. 1870 - يىلى 4 - سىنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، پارىژ مونمارتىر رايون باشلىقى ۋە مىللىي پارلامېنت ئەزاسى بولغان. پارىژ كوممۇنىسى دەۋرىدە كوممۇنا بىلەن ۋېرسالنى كېلىشتۈرۈپ قويۇش كويىدا بولغان. 1876 - 1893 - يىللىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ، رادىكاللىقى بىلەن داڭق چىقارغان، مىنىسترلار كابىنېتىنى ئاغدۇرۇش ماھىرى بولۇش بىلەن <يولۋاس> دەپ لەقەم ئالغان. پاناما سەتچىلىكى تۈپەيلىدىن قاتتىق زەربە يېگەن. 1893 - يىلى ئاخبارات ساھەسىگە يۆتكەلگەن. <ئادالەت> ۋە <تاڭ نۇرى> گېزىتلىرىنى چىقارغان. كېيىن يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان(1902 - 1920). ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە (1906) كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنى قاتتىق باستۇرغان. بىرىنچى قېتىم زۇڭلى بولغاندا، فرانسىيە، ئەنگلىيە، روسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئانتانتاسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىپ، قىساسچىلىقنى تەرغىپ قىلغان. 1917 - يىلى 11 - ئايدا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېتنىڭ زۇڭلىسى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولۇپ، ھەممە ئۇرۇشقا بويسۇنۇش دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغان. كېيىن <غەلىبە ئاتىسى> دەپ نام ئالغان. پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، گېرمانىيىنى ئاجىزلاشتۇرۇش كويىدا بولغان ھەمدە سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشنى پائال تەشكىللىگەن. 1920 - يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پېنسىيىگە چىققان. ئۇنىڭ <دېموستېن>، <كەچقۇرۇندىكى چوڭقۇر خىيال>، <غەلىبە شان - شەرىپى ۋە بالايىئاپىتى> ناملىق ئەسەرلىرى بار.