Uyghur主要词典
كلىۋې
دۇنيا تارىخى
(1725 - 1774) ئەنگلىيەلىك مۇستەملىكىچى، بېنگال ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى (1757 - 1760، 1765 - 1767). ھېروپ ۋىلايىتىدىكى بىر كىچىك پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1743 - يىلى ھىندىستاندىكى مادراسقا ئەۋەتىلىپ. ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدە كاتىپ بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق كارناتىك ئۇرۇشىدا (1749 - 1754)خىزمەت كۆرسەتكەن. كېيىن مادراس ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان. 1757 - يىلى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ئەنگلىيەنىڭ كالكۇتتادىكى سودا پونكىتلىرىنى قايتۇرۋالغان. پلاسىي جېڭىنى پلانلاپ، بېنگال ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 423 مىڭ فوندستېرلىڭ شىلىۋالغان. 1760 - يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەن، ئىرلاندىيە ئاقسۆڭىكى، پلاسسىي بارونى ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1765 - يىلى يەنە بىر نۆۋەت ھىندىستانغا كېلىپ، ئۆلكە ۋالىيسى بولغان. ۋالىي بۇلۇپ تۇرغان مەزگىلدە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بېنگال، بىخارد ۋە ئورسسانىڭ مالىيە باج كىرىمىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، قوش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان. 1767 ـ يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ ئەنگلىيىگە قايتىپ كەتكەن. كېيىن ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ ئىچكى زىددىيىتى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.