Uyghur主要词典
كليۇچېۋسكى
دۇنيا تارىخى
(1841 - 1911) روسىيىلىك تارىخشۇناس. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1867 - يىلدىن باشلاپ موسكۋا تېنولوگىيە ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1882 - يىلى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەمدە موسكۋا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ روسىيە تارىخىي پروفېسسورى بولغان. 1900 - يىلى روسىيە تارىخى ۋە قەدىمكى يادىكارلىقلار پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1893 - 1905 - يىللىرى روسىيە تارىخى ۋە قەدىمكى يادىكارلىقلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ كادېتلارنىڭ ئوڭ قانىتىغا تەۋە بولۇپ، چار پادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى چىققان. بىراق يەنە ئىنقىلابتىن قورقۇپ كەلگەن. تارىخ تەتقىقاتىدا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئامىللار ئۈستىدا چوڭقۇر ئىزدىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. 1882 - يىلى نەشىردىن چىققان <قەدىمكى رۇس ئاقسۆڭەكلىرى كېڭەشمىسى> ناملىق كىتابىدا 10 - ئەسىردىن18 - ئەسىرگىچە بولغان روسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى نۇقتىلىق بايان قىلغان؛ <روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ كېلىپ چىقىشى> ناملىق كىتابىدا بولسا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىزاھلاشقا ئىنتىلگەن. كېيىن روسىيە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ <روسىيە تارىخ دەرسلىكى> دېگەن ئەسىرىدە بىر ئۆمۈرلۈك تەتقىقاتىنىڭ جەۋھىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، تارىخشۇناسلىقىدىكى مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن سەككىز توملۇق <كليۇچېۋسكىي ئەسەرلىرى> نەشىر قىلىنغان.