Uyghur主要词典
كلېئون
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 422) قەدىمكى ئافىنا باش قوماندانى. دۆلەتمەن ۋاپۇرۇش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېرىكىل ئۆلگەندىن (مىلادىدىن 429 يىل ئىلگىرى) كېيىن، ئافىنا دېموكراتلىرىنىڭ يولباشچىسى بولغان. مىلادىدىن 427 يىل ئىلگىرى، ئافىنانىڭ ئىتتىپاقچىسى مىتالېنا شەھىرى (لېسىبوس ئارىلىدىكى) نىڭ قارشىلىقىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى داۋامىدا، ھەدەپ ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، سپارتا بىلەن يارىشىشقا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 527 يىل ئىلگىرى دېموستېن بىەن دېڭىز فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، سپارتا قوشۇنىنى سىفاكتېرىيە ئارىلى (جەنۇبىي گرېتسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدا) مەغلۇپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىناۋىتى يەنىمۇ ئۆسكەن. مىلادىدىن 422 يىل ئىلگىرى سەردارلىققا تەيىنلەنگەن. ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى مۇھىم جاي - ئامفىپولنى تالىشىپ، سپارتا باش قوماندانى براسېد بىلەن قاتتىق تۇتۇشقاندا، مەغلۇپ بولۇپ قازا تاپقان. ئارىستوفان ئۆزىنىڭ كومېدىيىسى <رىتسار> (مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى سەھنىدە ئوينالغان) دا كلېئوننى قاتتىق مەسخىرە قىلغان ۋە ئۇنى ساۋىغان. ئۇنى ئادەتتە كىشىلەر چېكىدىن ئاشقان دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ ھېسابلىغان. مۇتەئەسسىپلىككە مايىل بولغان يازغۇچىلار (مەسىلەن، ئارىستوتىل) كلېئونغا نىسبەتەن كۆپرەك تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.