Uyghur主要词典
كلېرمون دىنىي يىغىنى
دۇنيا تارىخى
1095 - يىل 11 - ئاينىڭ 18 - 25 - كۈنلىرى رىم پاپاسى ئوربان Ⅱفرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كلېرمون شەھىرىدە چاقىرغان دىنىي يىغىن. يىغىنغا تۆت نەپەر ئارخېئېپىسكوپ، 200 نەپەردىن كۆپرەك ئېپىسكوپ ۋە باشقا مىسسىئونېرلار ھەمدە نۇرغۇنلىغان دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر بىلەن رىتسارلار قاتناشقان. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى دىنى ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەر،مەسىلەن: فرانسىيە كورۇلى فىلىپ 1 (1025 - 1108)نى خانىكە بېرىسانى تاشلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دىندىن قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پاپائۇربان Ⅱ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئۈستى ئۇچۇق مەيداندا يىغىن قاتناشچىلىرى (فرانسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رىتسارلار، شەھەر پۇقرالىرى ۋە دېھقانلار)غا نوتۇق سۆزلەپ، بىدئەتلەر (مۇسۇلمانلار)نىڭ قولىدىن <مۇقەددەس جاي> - ئېرۇسالىمنى تارتىۋېلىشقا چاقىرغان. ئەھلىسەلىپ قوشۇنلىرىنى شەرققە تاجاۋۇز قىلىشقا قۇتراتقان، شۇنداقلا ئەھلىسەلىپ قوشۇنىغا قاتناشقانلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدىغانلىقىنى، چېركاۋ ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى ۋە ئائىلە - تاۋاباتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 200 يىلدەك داۋام قىلغان ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ شەرققە تاجاۋۇزى (1096 - 1291) شۇنىڭدىن ئىتىبارەن باشلانغان.