Uyghur主要词典
كلاۋدى خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
يوليۇ كلاۋدى خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلدىكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى خاندانلىقى (14 - 68 - يىللىرى). ئىمپېراتور ئاۋگۇست (ئۇكتاۋىئان) دىن كېيىن قۇرۇلغان خاندانلىق. خاندانلىقنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى يوليۇ كائېسار بىلەن كلاۋدى جەمەتىگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. خاندانلىق مەزگىلىدە ئىمېراتور ئاساسەن ھەربىي قوشۇن ۋە بيۇروكرات ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان، سېناتنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلاشقان. پۇقرالار يىغىنى قۇرۇق رەسمىيەتكە ئايلانغان، ھەرقايسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار (كونسۇل قاتارلىقلار) نىڭ ئېتى ئۇلۇغ سۇپىرىسى قۇرۇق بولۇپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا ھەربىي مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى دەسسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. چوڭ يەر مۈلۈكچىلىكى (لاتفوندىيە) ۋە سودا - سانائەت ئىگىلىكى بەزى رايونلاردا يەنىلا راۋاجلانغان. سىرتقا قارىتا داۋاملىق ئۇرۇش قىلغان. شىمالىي ۋە شەرقىي چېگرىلىرى نىسپىي مۇقىم ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى خرىستىئان دىنى شەرقىي قىسىمىدا باش كۆتۈرۈپ، غەربىي (ياۋرۇپا) قىسمىغا قاراپ تارقىلىشقا باشلىغان. بۇ خاندانلىققا، تىبېرىي (14 - 37 - يىللىرى)، كالىگۇلا (37 - 41 - يىللىرى)، كلاۋدى Ⅰ (41 - 54 - يىللىرى)، نېرون (54 - 68 - يىللىرى) دىن ئىبارەت تۆت ئىمپېراتور ھۆكۈمرانلىق قىلغان. كېيىن بۇ خاندانلىقنىڭ ئورنىنى فلاۋى خاندانلقى ئىگىلىگەن.